جاڭ بوۋاي «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 181200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-02-09
来源:ئەلكۈيى تورى

1 ـ ئايدىكى بايىنغولىن ئوبلاستى يەنىلا قىشنىڭ سوغۇق ھاۋاسىغا غەرق بولدى، لېكىن قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنىنىڭ باھارى ئاللىقاچان يېتىپ كەلگەن ئىدى. 1-ئاينىڭ 23-كۈنى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ 2022010-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، بۈگۈر ناھىيەسى 65280260 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى جاڭ بوۋايۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاش، دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شۇ قاراردا 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 181200 يۈەن بولدى.

بۈگۈر ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق جاڭ بوۋاي ئادەتتە 65280260 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىلىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مال ساتقۇچى شياۋليۇنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بۇلۇپ، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن، پونكىتتا كىشىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى. 23-يانۋار چۈشتىن كېيىن، جاڭ بوۋاي ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65280260 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، چۈنكى شۇ كۈنى ھەپتە ئاخىرى بولۇپ، قوش رەڭلىك توپ سېتىۋالغىلى كەلگەن لاتارىيەچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. جاڭ بوۋاي پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىش بىلەنلا تونۇشىدىغان بىر نەچچە لاتارىيەچى دوستلار بىلەن سالاملاشتى، شۇ قارارلىق قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كاتتا مۇكاپات كۆلچىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش ئاكتىپلىقىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتىرگەن ئىدى، كۆپچىلىك قوللانغان دو تىكىش ئۇسۇللىرىمۇ خىلمۇ خىل بولۇپ، ئىشلىتىلىشچانلىقى كۆپ ئىدى، بەزىلىرى قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بەزلىرى دەنما دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى. جاڭ بوۋاي نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى ئالدىغا كېلىپ ئىلھام ئىزدىدى، ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك نومۇر يوق ئىدى، ئۇ بىر ئاز تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، بەش دو يەككە نۇمۇر تاللاپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلدى.

شۇ كۈنى كەچتە، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلدى، جاڭ بوۋاي تور ئارقىلىق لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزى سېتىۋالغان لاتارىيە بىلىتىدە كۆك توپ نومۇر چىقمىغاندىن باشقا، قىزىل توپ نۇمۇرنىڭ ھەممىسىنىڭ چىققانلىقىنى بايقىدى! جاڭ بوۋاي بىر دو 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 181200 يۈەن بولدى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات ئالغاندا، جاڭ بوۋاي خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«مەن ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمغا يېڭى يىللىق سوۋغات تەييارلاپ قويىمەن! ئاندىن لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن-دېدى.

微信截图_20220209174025.png