سانجى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى 10400 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-02-08
来源:ئەلكۈيى تورى

«3D ئويۇن مۇكاپاتى مۇقىم، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى يۇقىرى، ھەسسىلەپ دو تىكىش، مۇكاپاتمۇ ناھايىتى مول»-دېدى سانجى شەھىرىدىكى 65230305 پاراۋانلىق لاتارىيە دۇكىنىغا بېرىپ مۇكاپات نەقلەشتۈرگەن جاڭ ئەپەندى.

گەرچە جاڭ ئەپەندى 3D ئويۇنلىرىنى ناھايىتى ئەتراپلىق تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما جاڭ ئەپەندىنىڭ نومۇر تاللاشتىكى ئالاھىدە ماھارىتى نومۇرنى ساقلاش ۋە ھەسسىلەپ كىرگۈزۈش. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، جاڭ ئەپەندى داۋاملىق تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رەقەمگە بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنى، لېكىن تەلىيىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى، كۆرگەن نومۇرى بىر مەزگىل ساقلاپ قالسىلا، كۆپىنچە ۋاقىتتا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2022 ـ يىل 1 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى سانجى شەھىرىدىكى 6523030305 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، «285» ۋە «186» دىن ئىبارەت بۇ ئىككى دو 3D نومۇرىغا ئون ھەسسە دو تىكتى. جاڭ ئەپەندى ئۇنىڭ ئىچىدىكى «285» بۇ نومۇرنى ساقلاۋاتقىلى تۆت كۈن بولغان ئىدى، شۇڭا بۇ بىر نەچچە كۈندە ئۇ ھەسسىلەپ دو تىكىش ئۇسۇلى بىلەن دو تىكىپ، تەلىيىنى سىناپ كۆردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يېڭى ياخشى كۆرگەن نومۇر«186» گە 10 ھەسسە دو تىكتى، دو تىكىش سوممىسى 40 يۈەن بولدى. ئويلىمىغان يەردىن تەلىيى كەلدى، شۇ كۈنى كەچتىكى 3D ئويۇنى 2022016-قارار مۇكاپات نۇمۇرى «285» بولدى، جاڭ ئەپەندى تەلىيىگە 10 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 10400 يۈەن بولدى.

لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تەسىراتى ئۈستىدە توختالغاندا، جاڭ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «3D ئويۇنىنى مەن بەك ياخشى كۆرىمەن، مەن لاتارىيە سېتىۋېلىش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم 3D ئۇيۇنىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەس ئىش ئەمەس. ئالدى بىلەن كۆپرەك تەھلىل قىلىش، ئاندىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە كۆپرەك ھېس قىلىش كېرەك، مۇھىمى ياخشى روھىي ھالەت بىلەن لاتارىيە سېتىۋېلىش جەريانىدىن بەھرىمەن بولۇش كېرەك. بىراق مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە، ئاساسلىقى يەنىلا تەلەينىڭ ياخشى بولغانلىقى سەۋەبلىك، كۆپچىلىكنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن دو تىكىپ، خۇشاللىق بىلەن لاتارىيە سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى ئېھتىيات بىلەن مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلدى.