پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى يېڭى بىلەت تۈرى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-28
来源:ئەلكۈيى تورى

«يولۋاس يىلىدا چاغاننى كۈتۈۋېلىش» 2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى سەھەردە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش زالىغا كەلدى، ئۇلار «رېنيەنخۇ壬寅虎 50 يۈەن» 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 1 مىليون يۈەن + تارقىتىش مۇكاپاتى 1 مىليون يۈەن ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 2 مىليون يۈەن بولدى.

(«رېنيەنخۇ壬寅虎» مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى)

«رېنيەنخۇ壬寅虎» بويىچە 200 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى 2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى باشلاندى، بۇ بىر ھەپتە ئاخىرى بولۇپ، شىنجاڭ لاتارىيە بازىرى تۇنجى 2 مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى دۇنياغا كەلدى، لاتارىيە بازىرى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمۈپ، بەس ـ بەستە «رېنيەنخۇ壬寅虎» نى قوغلىشىپ، ئامەتنىڭ كېلىشىنى كۈتتى.

كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى سۈن ئەپەندى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش جەريانىدا تەمكىن تۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: « 1- ئاينىڭ 22- كۈنى، شەنبە، چاغاننىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر دەم ئېلىش كۈنىدە، مەن ۋە ئۆيۈمدىكىلەر بىلەن بىرگە بازارغا بېرىپ چاغانلىق مال سېتىۋالدۇق، شىخەنزە شەھىرىدىكى 65030024 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتكەندە كىرىپ «رېنيەنخۇ壬寅虎 50 يۈەن» ، «رېنيەنخۇ壬寅虎 20 يۈەن» نىڭ پائالىيەت بېلىتىنى تاللىدۇق، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە «رېنيەنخۇ壬寅虎 50 يۈەن» دە ئامەت كەلدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈستىدە توختالغاندا، سۈن ئەپەندى تېخىمۇ تەمكىن بولۇپ، بىۋاسىتە ھالدا مۇنداق دېدى: « كۆپ ھاياجانلىنىش ھېس قىلمىدىم، ئىزچىل تۈردە لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتىمەن، لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىشتىكى مەقسەت پەقەت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ تەقدىم قىلىش، ئامەت ئېلىپ كەلگەن كاتتا مۇكاپاتقا رەھمەت ئېيتىمەن، چوقۇم مۇكاپات پۇلىنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك جايغا ئىشلىتىمەن.»-دېدى.

مەملىكەت بويىچە بىرلەشمە سېتىلىدىغان «رېنيەنخۇ壬寅虎» نىڭ 200 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى 2022-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، 2-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 24 تە ئاخىرلىشىدۇېتىش سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ). پائالىيەت مەزگىلىدە، «رېنيەنخۇ壬寅虎 20 يۈەن» ۋە «رېنيەنخۇ壬寅虎 50 يۈەن» ناملىق پاراۋانلىق لاتارىيە ئويۇنىنىڭ 1 مىليون يۈەن، 100 يۈەن، 60 يۈەندىن ئىبارەت ئۈچ مۇكاپات دەرىجىسىدە مۇكاپات تارقىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون يۈەن مۇكاپات دەرىجىسىدە قۇشۇپ بېرىش مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن بولىدۇ، قالغان ئىككى مۇكاپات دەرىجىسىدىكى مۇكاپات سوممىسى مۇناسىپ مۇكاپات سوممىسىنىڭ% 50 ى بولىدۇ.

كونكرېت مۇكاپات قۇشۇپ تارقىتىش قائىدىسى: بىر پارچە 1 مىليون يۈەن لاتارىيە بېلىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە 1 مىليون يۈەن مۇقىم مۇكاپات پۇلى قۇشۇپ بېرىلىدۇ؛ بىر پارچە 100 يۈەن لاتارىيە بېلىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە 50 يۈەن مۇقىم مۇكاپات پۇلى قۇشۇپ بېرىلىدۇ؛ بىر پارچە 60 يۈەن لاتارىيە بېلىتىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە 30 يۈەن مۇقىم م پۇلى قۇشۇپ بېرىلىدۇ؛