تۆت ئاۋدى ماشىنا مۇكاپاتى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستقا بۆلۈندى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-27
来源:ئەلكۈيى تورى

« 3D ئويۇنى ئويناپ ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشىش» پائالىيىتى ئاخىرلاشتى

تۆت ئاۋدى ماشىنىسى تۆت ۋىلايەت ئوبلاستقا بۆلۈندى


1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، «3D ئويۇنى ئويناپ ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش» پائالىيتىنىڭ 4 ـ نۆۋەتلىك چەك تارتىش پائالىيىتى شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە ئۆز قەرەلىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۈرۈمچى غەربىي يۇرت ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورنىدىكى ئىككى ھۆكۈمەت گۇۋاھچىسىنىڭ نازارەت قىلىشى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كەلگەن پاراۋانلىق لاتارىيەسى ساتقۇچىلار ۋەكىلى، لاتارىيەچى ۋەكىلىنىڭ ئورتاق گۇۋاھلىقىدا، مۇكاپاتلىق ئەزىز مېھمان- ئۈرۈمچى شەھىرى 65010161 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن كەلگەن مال ساتقۇچى چېن خانىم ئەڭ ئاخىرقى بىر ئاپتوموبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات نەتىجىسى مۇنداق بولدى: دو تىكىش قارار نۇمۇرى: 202220 ، تور نۇقتىسى نومۇرى:65290202 بېلەت نومۇرى:32 ، بۇ لاتارىيە بىلىتىگە ئىگە لاتارىيەچىنىڭ ئاۋدى A6L 40TFSI ماشىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى مۇبارەكلەيمىز!


رىياسەتچى چەك تارتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مېھمان چېن خانىم سەل ئەپسۇسلانغان ھالدا: « بەك ئەپسۇس! ئەڭ ئاخىرقى چەك تارتىش پائالىيىتىنىڭ ئاپتوموبىل چوڭ مۇكاپاتىمۇ ئۈرۈمچىدە يوق! مەن يەنە بىر «تەلەي بىلەن ئاخىرلىشىش» نىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. بىراق بۇنىڭغىمۇ ئامال يوق، قانداقلا بولمىسۇن مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەلەيگە باغلىق! مېنىڭ پونكىتىمدىمۇ بالدۇرراق چوڭ مۇكاپات چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن-دېدى.


گۇۋاھلىقى بەرگۈچى خادىم، مۇكاپات تارتقان ئەزىز مېھمانلار مۇكاپات تارتىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرىدۇ ھەمدە تاسادىپىي سىناق ئېلىپ بارىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ قېتىمقى« 3D ئويۇنى ئويناپ ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشىش» پائالىيىتى ئاخىرلاشتى، ئاۋدى ماركىلىق تۆت ئاپتوموبىلنىڭ ھەممىسى قەشقەر، ئىلى، تارباغاتاي، ئاقسۇ قاتارلىق تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستقا تەقسىم قىلىندى. تۇنجى نۆۋەتلىك مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتىدە ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قەشقەر شەھىرى 6531302 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى شىياۋما، ئىككىنچى نۆۋەتلىك مۇكاپات تارتىش پائالىيىتىدە ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن غۇلجا شەھىرى 65410183 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى شياۋلى، ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مۇكاپات تارتىش پائالىيىتىدە ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تارباغاتاي ۋىلايىتى ساۋەن ناھىيەسى 65429301 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى جۇ ئەپەندى، ئۇلار مۇكاپات ئالغاندا بىردەك:3D ئويۇنى ئوينىسىمۇ ئاۋدى ماركىلىق ئاپتوموبىلغا ئېرىشەلەيدىغانلىقى بۇ ھەقىقەتەن ئويلاپ باقمىغان ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«3D ئويۇنى ئويناپ ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشىش» پائالىيىتى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ رايونىدىكى 3D ئويۇنى تەرەپدارلىرى مۇكاپات پائالىيىتى يەنىلا قىزغىن داۋاملاشماقتا، كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە تەلەيگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!