ماناس ناھىيەسى ھەقىقەتەن لاتارىيەچىلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان ياخشى جايى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-26
来源:ئەلكۈيى تورى

3D ئويۇنى بازارغا سېلىنغان كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، مۇقىم مۇكاپات، كۈندە ئېچىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئىزچىل ھالدا لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى كىلاسسىك ماركىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

يېڭى بىر يىلدا، يېڭى پاراۋانلىق بولۇشى كېرەك، پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى مۇكاپاتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا. 2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، 3D ئويۇنى 25 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى باشلاندى، بۇ سانسىزلىغان لاتارىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى مەزگىلىدە، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش تور نۇقتىلىرىدا يەككە دو تىكىشتىن باشقا، خالىغان بىر خىل دو تىكىش ئويۇنىدا« تاق تاللاش» ، « ئۈچنى تاللاش» ، « 6 نى تاللاش» تەك ئۈچ خىل ئويناش ئۇسۇلى بويىچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغانلار، ئوتتۇرا دەرىجىلىك« يەككە تاللاش» مۇكاپات تارقىتىش 460 يۈەن مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ ۇكاپات تارقىتىش مەزگىلدە مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 1500 يۈەن بولىدۇ) ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك« 3-گۇرۇپپىنى تاللاش» مۇكاپاتىنىڭ يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 154 يۈەنۇكاپات تارقىتىش مەزگىلدىكى مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 500 يۈەن « 6 نى تاللاش» مۇكاپاتى 79 يۈەنۇكاپات تارقىتىش مەزگىلدىكى مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 252 يۈەن).

ماناس ناھىيەسى ھەقىقەتەن لاتارىيەچىلەرنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغان ياخشى جايى ئىكەن! مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلار ئارقا ـ ئارقىدىن تارقالدى، 1 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ماناس يولۇچى توشۇش بېكىتى يېنىدىكى 65230177 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى لاتارىيەچى يەككە تاللاش تۈرىنىڭ 20 ھەسسىسىگە تەڭ دو تىكىش جەريانىدا 30 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇش خەۋىرى كەلدى؛ 1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ماناس ناھىيەسى ئىتتىپاق ئوتتۇرا يولى 65232403 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن بىر لاتارىيەچى يەككە تاللاش گۇرۇپپىسىنىڭ 16 ھەسسىسىگە تەڭ دو تىكىش ئارقىلىق مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 24 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئالغانلىق خۇش خەۋىرى تارقالدى. شۇ كۈنى، ماناس ناھىيەسى 6528039 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن لاتارىيەچى تاق تاللاش گۇرۇپپىسىنىڭ سەككىز ھەسسىسى بويىچە 12 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىشتەك خۇش خەۋەر كەلدى؛ 1 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى ماناستىكى بىر لاتارىيەچى 55 دو گۇرۇپپىلاپ ئالتىنى قايتىلانما تاللاش بويىچە دو تىكىپ، 13860 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپات تارقىتىش مەزگىلىدە، ماناس ناھىيەسىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئادەتتىكىدىن كۆپ لاتارىيەچىلەرنى كۈتىۋالدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى 3D ئۇيۇنى مۇكاپات قۇشۇپ تارقىتىش پائالىيتى ئۈچۈن كەلگەن ئىدى، بىر تال قەلەم، بىر ۋاراق قەغەز بىلەن 3D يۆنىلىش خەرىتىسىگە تىكىلىپ، پاراڭلىشىش ئارقىلىق لاتارىيەچىلەر ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، نومۇر كۆرۈش تەسىراتى، مەسلەكداشلار بىرلىشىپ، تەكرار دو تىكىش، كۆپ ھەسسە دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. 3D ئويۇنىدا يەككە دو تىكىشنىڭ مۇكاپات سوممىسى گەرچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما دو تىكىش ئۇسۇلى كۆپ، نومۇر تاللاش جەريانى قىزىقارلىق بولۇپ، ھەسسىلەپ دو تىكىشنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ!