بۇ مۇكاپات لاتارىيەچىنىڭ مەنىسىز تۇرمىشىغا رەڭ قوشتى ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-21
来源:ئەلكۈيى تورى

مۇكاپات چىقتى! مۇكاپات چىقتى! 2022 ـ يىل 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسى 65230260 پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىدىن «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىدا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققانلىق خۇش-خەۋىرى تارقالدى.

قۇتۇبى ناھىيەسى 65230260 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ساتقۇچىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، ئۇ ئادەتتىكىگە ئوخشاش سائەت 11 دە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، تازىلىق قىلىشنى باشلىغان، ئۇزاق ئۆتمەي پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈرگىلى كەلگەن لاتارىيەچىلەرنى كۈتۈۋالغان. تۇيۇقسىز، دو تىكىش ماشىنىسىغا كىرگۈزۈپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرمەكچى بولغان بىر پارچە « قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى كۆرگەن ساتقۇچى خۇشال بۇلۇپ كەتتى، بۇ لاتارىيە بېلىتى 10 دو 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ۋە 10 دو 6-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 30050 يۈەن بولغان. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ، ئۇ ھاياجانلانغانلىقىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچىنىڭ قولىنى تارتىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئادەم سىزكەنسىزدە، مۇبارەك بولسۇن، 30 نەچچە مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ، بۇ بېلەتنى بۇ يەردە نەقلەشتۈرەلمەيمەن، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرسىڭىز بۇلىدۇ»-دېدى. بۇ لاتارىيەچى نەق مەيداندا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىپ، قايتاـ قايتا: « سورىدى :«راستتىنلا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات چىقىپتىمۇ، بۇ راستمۇ؟»-دېدى.

1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى، مۇكاپات ئالغاندا، خىزمەتچى خادىملار مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانىنى سورىغاندا، ليۇ ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى:«مۇكاپات چىققان نومۇرنى سېلىشتۇرۇش ئادىتىم يوق، تاكى بۈگۈن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىلا، ئاندىن بۇ "قوش رەڭلىك توپ" لاتارىيە بېلىتىنىڭ 10 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلدىم، ھېلىمۇ ياخشى يوقىتىپ قويماپتىمەن.»-دېدى، ئىگىلىنىشىچە، ليۇ ئەپەندى پەيشەنبە كۈنى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، شۇ كۈنى دەل « قوش رەڭلىك توپ» نىڭ مۇكاپات ئېچىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ، كىرىپ دو نومۇرىنى كۆرگەن. لاتارىيە سېتىۋالغاندا، كۆپچىلىكنىڭ كۆك توپ نومۇرى« 06» ياخشى دېگىنىنى ئاڭلاپ، دو تىكىش بىلىتىنى ئېلىپ 2 دانە« قوش رەڭلىك توپ» نومۇرىنى تاللىدى، كۆك توپ ئالاھىدە« 06» نى تاللىدى ھەمدە ئۇنىڭغا 10 ھەسسە دو تىكتى، ليۇ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا: « ئويلىمىغان يەردىن بۇ قېتىم كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.»-دېدى.

شۇنداق، بىر قىزىل توپ كەم بولغاچقا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتنى قولدىن بېرىپ قويدۇم. ليۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«مۇكاپاتقا ئېرىشسەملا ئىنتايىن خۇشال بولىمەن، "قوش رەڭلىك توپ" ئويناشقىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى، ئويلىمىغان يەردىن مەن يەنە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بۇ مېنىڭ مەنىسىز تۇرمۇشۇمغا ئازراق رەڭ قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشىمىز داۋاملىشىدۇ، لاتارىيەنى داۋاملىق سېتىۋالىمىز!»-دېدى.

(قۇتۇبى تەۋەلىك رايونى ۋاڭ لۇ)