ما ئەپەندى قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-20
来源:ئەلكۈيى تورى

نىلقا ناھىيەسى 65410194 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، لاتارىيەچى ما ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) پەقەت نەچچە ئون يۈەنلا بىلەنلا «ئون ھەسسە ئامەت» ئۇيۇنىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 400000 يۈەن بولدى.

1 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ما ئەپەندى قولىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ، ئالايىتەن نىلقا ناھىيەسىدىكى 65410194 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى، يەنە كونا ئادىتى بويىچە، ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئون يۈەنلىك «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە بىلەتنى سېتىۋالدى ۋە لاتارىيە بىلىتىنى قىرىشقا باشلىدى.

ئالدىنقى ئۈچ پارچە لاتارىيە بىلىتىنى قىرىپ بولغاندىن كىيىن ھېچقانداق مۇكاپات چىقمىدى، تۆتىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىنى قىرىغاندىن كىيىن مۇكاپات نومۇرى « 07» پەيدا بولدى، ئۇ نومۇر رايونىمنى قىرىۋەتكەندىن كېيىن، مۇكاپات نومۇرى « 07» پەيدا بولدى، ئاندىن ئاستىغا ماس كېلىدىغان مۇكاپات پۇلىغا قارىدى، مۇكاپات سوممىسى 1-دەرىجىلىك مۇكاپات 400 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئۇ دەرھال مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى ياخشى سېلىپ مۇكاپات نەخلەشتۈرۈش ئۈچۈن ماڭدى.

ما ئەپەندى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن خۇشال بولۇپ: « مۇكاپات چىققاندا مەنمۇ گاڭگىراپ قالدىم، بۇ راستمۇ؟ مېنىڭ تەلىيىم بەك ياخشى بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ مەن راستىنلا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشتىممۇ؟ مۇكاپاتنى ئېلىپ بولغۇچە ئۆزۈمنى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلدىم، تەلىيىم ئوڭدىن كەلدى دەپ ئويلاپ قالىمەن! يەنە يېرىم ئايدىن كېيىن چاغان بولىدۇ، ئائىلىمىزدە بۇ يىلىقى چاغانلىق بايرام تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ، ھا...»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)