لاتارىيەچىلەرنىڭ خۇشاللىق ۋە شادلىققا قاراپ ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

ئەلكۈيى تورى
2022-01-17
来源:ئەلكۈيى تورى

12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 2021343 قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى 793 بولدى، سانجى شەھىرىنىڭ شاڭخەي گۈللۈك پىيادىلەر كوچىسىدىكى 65230124 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن مۇكاپات چىققانلىق خۇش خەۋىرى تارقالدى، بىر لاتارىيەچى يەككە تاللاش ۋە گۇرۇپپا تاللاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل دو تىكىش ئۇسۇلىغا تايىنىپ بەختكە يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 109190 يۈەن بولدى.

سانجى شەھىرى 65230124 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى 3D ئويۇنىنىڭ كونا مەستانىسى بۇلۇپ، شۇ كۈنى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ئۇيۇن نومۇرنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، « 793» دېگەن نومۇرنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالغان، بۇ نومۇردا مۇكاپات چىقىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن چوڭ دەپ ئويلاپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدى بىلەن بۇ نومۇرغا 100 ھەسسە يەككە تاللاپ دو تىككەن، بىردەمدىن كېيىن ساننى توغرا تاللاپ ئۇرۇن خاتا بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە بۇ نومۇرغا 30 ھەسسە گۇرۇپپا تاللاپ دو تىكتى.

شۇ كۈنى كەچتە ئامەت يېتىپ كەلدى، 3D ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلغاندىن كىيىن بۇ ئامەتلىك لاتارىيەچى 100 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 104000 يۈەن (يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 1040 يۈەن) بولدى، ئۇنىڭدىن باشقا 30 دو گۇرۇپپا ئالتىنى تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 5190 يۈەن (يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 173 يۈەن) بولدى. جەمئىي ئېرىشكەن مۇكاپات سوممىسى 109190 يۈەن بولدى.

پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ 3D ئۇيۇنى ئويناش ئۇسۇلى كۆپ، ۋە لەززىتى كۆپ بولۇپ، يەككە تاللاش، گۇرۇپپا تاللاش دو تىكىش ئۇسۇلىدىن باشقا، يەنە چوڭ بولاق، كىچىك بولاق، تىزىق، گۇرۇپپىلاش، ئاتلاش، باۋدەن، دەنتو قاتارلىق دو تىكىش ئۇسۇللىرى بار، لاتارىيەچى دوستلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان دو تىكىش ئۇسۇلىنى تېپىپ، جانلىق قوللىنىپ، خۇشاللىق ۋە شادلىق قاراپ ئاتلانسا بۇلىدۇ.

(سانجى فېڭرۇي)