پېنسىيەگە چىققان لاۋجاڭ 40000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-18
来源:ئەلكۈيى تورى

2022 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى 2022011 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، فۇكاڭ شەھىرىدىن مۇكاپات چىققانلىق خۇش خەۋەر كەلدى.1 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات تەقسىملەش ئىشخانىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر لاتارىيەچىنى كۈتۈۋالدى، ئۇ خۇشاللىق بىلەن قولىدىكى لاتارىيەنى پۇلاڭلىتىپ، ھاياجانلانغان ھالدا:«مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مۇكاپاتقا ئېرىشتىم!»-دېدى. خىزمەتچى خادىملار لاتارىيەچىنىڭ قولىدىكى لاتارىيەنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قولىغا ئېلىپ، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئاپپاراتىغا كىرگۈزدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ لاتارىيە بىلىتى «شادلىق 8» ئويۇنىدا 40000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

فۇكاڭ شەھىرىدىكى 65230213 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ سېتىش خادىمىدىن ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى پېنسىيەگە چىققانلار بولۇپ، بۇ پونكىتنىڭ كونا مېھمىنى ئىكەن. بۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ھەر قېتىم چۈشتىن كېيىن مۇكاپات باشلايدىغان چاغدا، ھەمىشە بىر تۈركۈم پاراۋانلىق لاتارىيەسى ھەۋەسكارلىرىنى توپلايدۇ، بېكەت ئىچىدىكى كەيپىيات ناھايىتى قىزىپ كېتىدۇ. لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالغۇچىلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ، ئويۇنلارنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىدىكى نومۇرلارنىڭ يۈزلىنىشى ھەققىدە، لاتارىيە بازىرىدىكى ئەڭ يېڭى قىزىق نۇقتىلارغا دو تىكىش ئۇسۇلى توغرىسىدا، ئادەتتىكى ئۇششاقۈششەك ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ... ناھايىتى قىزىپ كىتىدۇ، ئۇلار بىر ئېغىز، بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، قويۇق تۇرمۇش كەيپىياتىنى يارىتىدۇ. لاتارىيەچى لاۋجاڭ دەل مۇشۇ توپ ئىچىدىكى بىر ئەزا، ئۇ ھەر خىل نومۇر تاللاش ئۇسۇلى، رەقەملىك گۇرۇپپىلاش، دو تىككەندە ئىنچىكە تاللاشلارغا پىششىق بۇلۇپ، ئىنتايىن ئېھتىياتچان، لاۋجاڭ ئىزچىل تۈردە كىچىك دو تىكىشتە چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. 1-ئاينىڭ 12-كۈنى، لاۋ جاڭ «ئوننى تاللاش» ئۇسۇلى بىلەن بەش ھەسسە دو تىكىپ، بەختكە يارىشا توققۇز نومۇر چىقىپ، 40000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، لاۋ جاڭ ئۆزىنىڭ ئەمدىلا پېنسىيەگە چىققان ئىككى يىلدىن بۇيانقى كۈنلىرىنىڭ ناھايىتى « ئازابلىق» ئىكەنلىكىنى، كۈنبويى بىكار يۈرىدىغان، قىلىدىغان ئىشى يوق بۇنداق ئۆيدە ئولتۇرۇشقا ئىزچىل كۆنەلمەيدىغانلىقىنى، تاسادىپىي بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققاندا، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى قىزىپ كەتكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن كىرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ سىناپ باققانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن لاۋجاڭ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ياخشى جاينى تاپقان، ھەر كۈنى ئۆزىگە ئىش تېپىپ چوڭ مېڭىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ يەرگەن كىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرمۇشقا ئۈمىد باغلايدۇ. مانا ئويلىمىغان يەردىن ئويناپ يۈرۈپ، بىلىپ-بىلمەي مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

«بەخت پۇرسىتى ماڭا كەلدى، ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم!»-لاۋجاڭ مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، رازىمەنلىك بىلەن خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن نەق پۇل چېكىگە قاراپ، چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى، چوڭ قەدەملەر بىلەن مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۆيىدىن چىقىپ خۇشاللىق ئىچىدە ئۆيىگە قايتتى. (سانجى فېڭرۇي)