يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كېلىدۇ، يېڭى يىلدا ئامەت كېلىدۇ

ئەلكۈيى تورى
2022-01-17
来源:ئەلكۈيى تورى

كونىلاردا: « يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كېلىدۇ، يېڭى يىلدا ئامەت كېلىدۇ» دېگەن گەپ بار.

2022 ـ يىلى كىرىشى بىلەن، پاراۋانلىق لاتارىيە «شادلىق 8» ئويۇنى باشلانغاندىن كېيىن، گۇچۇڭ ناھىيەسى 65232502 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى بىر لاتارىيەچى يېڭى يىللىق تۇنجى خۇش خەۋەرنى كۈتۈۋالدى، «شادلىق 8» ئويۇنى 2022001 ـ قاراردا 21000 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنچىۋالا كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.


ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى كونا لاتارىيەچى بولۇپ، «شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى نەچچە قېتىم دو تىككىشنى داۋاملاشتۇرغان. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نومۇر ئۇ ئىلگىرىكى بىر دو نومۇردىن ئىككى ساننى ئۆزگەرتىپ ئېرىشكەن بولۇپ، دو تىكىش سوممىسى 14 يۈەنلىك 7 نومۇردىن ئالتە مۇرەككەپ لاتارىيە بېلەتنى تاللىغان. ئەتىسى، بەختكە يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ تەلەيلىك كىشى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەخلەشتۈرۈش ئۆيىگە كەلدى.

مۇكاپات ئالىدىغان چاغدا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى ئۇنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھېكايىسىنى قىلچە ئايىماي ئورتاقلاشتى، خۇشال ھالدا: « مۇكاپاتقا ئېرىشىشتىن بۇرۇن، مەن ئىزچىل مۇشۇ نومۇر بىلەن ھەپىلىشىۋاتاتتىم، بۇ جەرياندا ئوتتۇرا، كىچىك مۇكاپاتلارغىمۇ ئېرىشكەن ئىدىم، مۇكاپات چىققان شۇ كۈنى، مەن تارقىلىش خەرىتىسىگە قاراپ، ئىككى ساننى ئۆزگەرتتىم، ئويلىمىغان يەردىن مۇكاپات چىقتى، يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنىلا مۇشۇنداق ئامەتكە ئېرىشتىم، بۇ ھەقىقەتەن خوشاللىنارلىق ئىش بولدى! »-دېدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئامەتلىك لاتارىيەچى ئىنتايىن رازى بولدى. 2022-يىلىدىكى يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى ئويلىمىغان يەردىن، بۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان ئەڭ ياخشى يېڭى يىللىق سوۋغا، شۇنداقلا يېڭى بىر باشلىنىشنىڭ سىمۋولى، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش 2022-يىلىدىكى ئامەتنىڭ باشلىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ داۋاملىق كۆپچىلىك پاراۋانلىقىنى قوللاش يولىدا ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۇچۇڭ تېڭيەنجياۋ)