سانجى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى 400 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-13
来源:ئەلكۈيى تورى

مۇكاپات چىقتى! مۇكاپات چىقتى! خۇش خەۋەر ! سانجى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى 400 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى


12 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، سانجى شەھىرى 65230278 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن كاتتا مۇكاپات چىققانلىق خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيە ئۇيىنىدا 400 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى خەن خانىم ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئەتىگەندىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ تىجارەت باشلىدى. چۈش سائەت ئىككىلەر ئەتراپىدا، ئىشىكتىن ئۈچ كېلىشكەن يىگىت كىرىپ كەلدى، قارىماققا ھەممىسى ناتونۇش چىراي ئىدى، خەن خانىم دەرھال:« ـــ ياخشىمۇ سىلەر! بىر قانچە تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىڭىزنى سىناپ باقامسىز؟»-دەپ سورىغاندا، بىر ياش كۈلۈپ تۇرۇپ: « ياخشى! مەن ئاۋۋال بىر نەچچە تال قىرىپ تەلەي سىناپ باقاي، مەن يېڭى ماشىنا ئالماشتۇرماقچى»-دېدى. ئەسلىدە بۇ ئۈچ ياش ياندىكى ماشىنا رېمونتخانىسىغا ماشىنا رېمونت قىلغىلى كەلگەنىكەن، ئەمما غوجايىن يوق بولغاچقا، خەن خانىمنىڭۈ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە سېتىۋېلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان. ئۈچ ياش بىر نەچچە پارچە «بايلىق مەخپىي نومۇرى» ۋە بىر بولاق «ئامەت ئون ھەسسە» نى سېتىۋېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن قىرىشقا باشلىدى، ئۈچەيلەننىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن لاتارىيە بېلىتى ئېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ، خەن خانىم كۈلۈپ تۇرۇپ: « ئۇنداقتا سىلەرگە ئالدىن ئامەت تىلەيمەن! »-دېدى.

بىردەمدىن كېيىن ئۈچەيلەن تاللانغان لاتارىيە بېلىتىنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا خەن خانىمغا تاپشۇرۇپ، خەن خانىمنى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشكە چاقىردى. خەن خانىم ماشىنا ئالماشتۇرماقچى بولغان ھېلىقى ياشنىڭ لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئېلىپ، بېلەت يۈزىدىكى مۇكاپات چىقىش ئەھۋالىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ، ئون يۈەنلىكنىڭ، يىگىرمە يۈەنلىكنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، ئۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر پارچە « ئامىتى ئون ھەسسە» لاتارىيەسىنى كۆرۈپ، « مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ « 34» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ دەل« مۇكاپات نومۇرى» بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 400 مىڭ يۈەن دەپ كۆرسىتىلگەن. خەن خانىم خۇشال ھالدا: « مۇبارەك بولسۇن! يىگىت، سىزگە مۇكاپات چىقتى، كاتتا مۇكاپات، سىز ماشىنا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدىغان بولدى! بۇ لاتارىيەنى مەن نەقلەشتۈرەلمىدىم، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ نەقلەشتۈرسىڭىز بۇلىدۇ، قالغان كىچىك مۇكاپاتلارنى نەقلەشتۈرۈپ بېرەي. »-دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، سانجى شەھىرى 65230278 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى 2020 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ئەتراپتىكى لاتارىيەچىلەرگە قىزغىنلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، 2021 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى 300 مىڭ يۈەنلىك «رەڭدار قاتلاق مۇزىكا» مۇكاپاتى چىققان، كېيىن تېخىمۇ خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي، مۇكاپات كەينى ـ كەينىدىن چىققان، بۇ قېتىم يەنە «ئامەت ئون ھەسسە» 400 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات چىققان، نۇرغۇن لاتارىيەچى دوستلارنىڭ قەلبىدىكى «مۇكاپات مەيدانى» بۇلۇپ قالغان.

(سانجى لى پېڭۋېي)