سانجىدىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-12
来源:ئەلكۈيى تورى

3D تاق تاللاپ گۇرۇپپىلاپ دو تىكىش لاتارىيەدە بىر گۇرۇپپا نومۇرنى بېسىپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ، يەنى بۇ نومۇرنىڭ بارلىق تىزىلىش ئۇسۇلىغا قارىتا دو تىكىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، تاللانغان نومۇر شۇ قارار مۇكاپات نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، رەت تەرتىپى چەكلەنمەيدۇ، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 1040 يۈەن بولىدۇ.

مانا، سانجىدىكى بىر پېشقەدەم لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى بۇ خىل دو تىكىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، شۇ كۈنى 3D ئويۇنى 2021337 قاراردا « 889» نۇمۇرغا نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال 50 ھەسسە دو تىكتى، تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغىنى شۇ قارار 3D ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلىپ، مۇكاپات نۇمۇرى دەل « 889» بولدى، جاڭ ئەپەندى خۇشاللىق ئىچىدە 52000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

20-دېكابىر، جاڭ ئەپەندى سانجى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۇنىڭ يەككە تاللاش گۇرۇپپىلاشتۇرۇش دو تىكىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئۈچىنچى قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشى بولۇپ قالغان، يەككە تاللاش گۇرۇپپىلاشتۇرۇش دو تىكىش جاڭ ئەپەندىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىدىكى بىردىنبىر ئۇسۇل بولۇپ قالغان بولۇپ، قايتا-قايتا سىناپ ئارقا-ئارقىدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

مۇكاپات پۇلىنى قولىغا ئالغاندا، جاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « 3D ئويۇنى ئاددىي، قىزىقارلىق بولۇپ، تەھلىل قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن باج تاپشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مەن يەككە تاللاپ گۇرۇپپىلاپ دو تىكىشنى ياخشى كۆرىمەن، گەرچە دو تىكىش سوممىسى بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن دائىرىسى كەڭ، ئەگەر نومۇرنى توغرا تاللىغان بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەسسىلەپ دو تىكىپ تېخىمۇ كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئامەت ياخشى بولسا چۇقۇم ھەركەتلىنىش كېرەك.»-دېدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، جاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«تەلىيىم ئوڭدىن كەلدى، بۇ قېتىم يەنە مۇكاپات چىقتى، لاتارىيە سېتىۋالغاندا پەقەت تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ، مۇكاپات چىقمىسىمۇ بىئارام بولمايدۇ. پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قوللاپلا قالماي، كۆپچىلىك پاراۋانلىقى خەير-ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش، شۇنداقلا ئۆزىگە مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتى بېرىش، بۇنىڭدىن قانداقمۇ خۇشال بولغىلى بولماي تۇرالايمىز؟»-دېدى.

(سانجى فېڭرۇي)