لاتارىيەچى «توردا مودا بولغان ئويناش ئۇسۇلى» قوللىنىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-10
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭ رايونىدىكى لاتارىيە شەھىرىنىڭ 2021-يىلىدىكى «قارا ئات» بولۇش سۈپىتى بىلەن، لاتارىيەچىلەر بىلەن بىر يىل ئىناق ئۆتۈش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، «شادلىق 8» ئۆزگىچە قىزىقارلىق، مۇكاپات نومۇرى كۆپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر ناھايىتى ياخشى نامايان قىلىندى، مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە، نوپۇزلۇق لاتارىيەچىلەر ئۆز ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، ئۇستىلىق بىلەن ئويناش ئۇسۇلىنى كەينى ـ كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە، «بەشنى تاللاش دەن تۆت چۈەن تو ئويناش ئۇسۇلى» ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنىڭ «مۇكاپاتقا ئېرىشىش قورالى» غا ئايلىنىپ، لاتارىيەچىلەر تەرىپىدىن «توردا مودا بولغان ئويناش ئۇسۇلى» دەپ ئاتالدى.

2022 ـ يىلى ئەمدىلا باشلانغاندا، «توردا مودا بولغان ئويناش ئۇسۇلى» يەنە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى، قومۇلدىكى لاتارىيەچىلەر مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 17260 يۈەن بولدى. بۇ تەلەيلىك كىشى قۇمۇل نوم شەھىرىدىكى ماۋ ئەپەندى بولۇپ، 1- ئاينىڭ 2- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ نوم دېھقانلار ئىگىلىك تىكلەش باغچىسىدىكى 65225006 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالدى. يۈ ئەپەندىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالغان بولۇپ، دائىم قايتىلانما ياكى دەنتو دو تىكىش ئۇسۇلى بويىچە «شادلىق 8» نى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە، م قايتىلانما ياكى دەنتو دو تىكىش ئۇسۇلى بويىچە دو تىككەندە مۇكاپات چىقىش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. شۇ كۈنى، يۈ ئەپەندى «شادلىقئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋالغاندا تۆت تال دەنما 54، 55، 57، 66 نى ياقتۇرۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بەشنى تاللاش دەن تۆت دو تىكىش ئۇسۇلى بويىچە دو تىكتى. يۈ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشتىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا شۇكى، مۇكاپاتقا ئېرىشىش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى بۇلىدۇ، بۇ خىل ئويناش ئۇسۇلىنى بەك ياخشى، مەن نەچچە قېتىم سىناپ باقتىم.»-دېدى.

شۇ كۈنى كەچتە «شادلىق 8» ئويۇن 2022002- قارار مۇكاپات ئېچىلدى، يۈ ئەپەندى ھەقىقەتەن تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: « بۇ يىل تەلىيىمنىڭ بۇنچە ياخشى بولۇشىنى ئويلىماپتىمەن، 2- قاراردا مۇكاپات چىقتى، ھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىش بولدى، بۇ يىل ھەقىقەتەن ئامەتكە تولغان بىر يىل بولدى !»-دېدى.

(قومۇل شەھىرى شېڭخۇي، جاڭ لۇڭيۈ)