ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندى 303954 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-07
来源:ئەلكۈيى تورى

ـــ«ئۇنداق ئەمەستۇ؟ 300 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتىمۇ! » 12 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى كەچتە، «قوشرەڭلىك توپ» ئويۇنى 2021148 ـ قارارلىق مۇكاپات ئېچىلدى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قوشرەڭلىك توپ» ئۇيۇنى «شادلىق 8» ئۇيۇنى ئويناشقا ئامراق پېشقەدەم لاتارىيەچى ۋۇ ئەپەندىشۇ كۈندىكى «قوش رەڭلىك توپ » نىڭ مۇكاپات ئېچىش ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيرانقالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنمىدى.شۇ كۈنى كەچتە بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە، ۋۇ ئەپەندى كاتتا مۇكاپات خوشاللىقىغا غەرقبولۇپ، قۇياشنىڭ كۆتۈرۈلۈشىنى كۈتۈپ ساقلاپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشكە تەقەززاربولدى.

ۋۇئەپەندى 27 ـ دېكابىر چۈشتە قولىدىكى خىزمىتىنى تۈگىتىپ، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىقلاتارىيە مەركىزىنىڭ مۇكاپات ئېلىش ئۆيىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. ۋۇ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،ئۆزىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا بىر مەزگىل بولغان، ئۇ ۋاقتى بولسىلا يېقىنئەتراپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ نومۇر يۆنىلىشىنى تەتقىق قىلىدىكەن،لاتارىيە سېتىۋالغاندا پەقەت سېزىم بولسىلا، ئۇ دو تىكىدىكەن، ھەرقانداق پۇرسەتنىبوش قويۇۋەتمەيدىكەن.

12-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتە، ۋۇ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەپونكىتىدىن ئۆتۈپ تۇرۇپ دو تىكتى. نومۇرنى تاللاپ بولۇپ، دو تىكىشكە تەييارلىنىۋاتقاندا،يان تەرەپتىكى بىر لاتارىيەچى دوستى بىلەن غودۇڭشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: « مەن كۆكتوپ نومۇر 03، قىزىل توپ نومۇرى 12 دا بۈگۈن مۇكاپات چىقىدىغاندەك ھېس قىلدىم». ۋۇئەپەندى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەمدىلا دو تىكىش ئالدىدا تۇرغان نومۇرنى قايتۇرۇۋالدى،نومۇرنىڭ يۈزلىنىشىگە قاراپ يەنە ئويلاندى، قارىغانسېرى قىزىل توپ نۇمۇر 12 چىقىپكېتىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ بېلەت كەسكەندە، «شادلىق 8» ئويۇنىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىپ، دەنتو + قايتىلانماگۇرۇپپىلاپ دو تىكىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىككى كۆك توپ نۇمۇر 03، 07 نى تاللاپ،قىزىل توپ نۇمۇر 12 نومۇرنى دەنما قىلىپ، دەن 1 تو 7 بويىچە دو تىكتى، دو تىكىشسوممىسى 84 يۈەن بولدى. دو تىكىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان لاتارىيە بېلىتىنىئالغاندىن كېيىن، ۋۇ ئەپەندى كۆڭلىدە ناھايىتى خۇشال بولدى، گويا كاتتا مۇكاپاتقولغا چۈشكەندەك بولدى.

شۇكۈنى كەچتە« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى بويىچە مۇكاپات ئېچىلغاندا، ۋۇ ئەپەندى مۇكاپاتنومۇرىنى سېلىشتۇرۇۋاتقاندا، ئۆزىگە 6 دانە قىزىل توپ تەگكەنلىكىنى بايقىدى، گەرچەكۆك توپنىڭ بىرسىمۇ تەگمىگەن بولسىمۇ، بەختكە يارىشا 2 دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،20 دو تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 20 دو بەشىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپاتسوممىسى جەمئىي 303954 يۈەنگە يەتتى، بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش ئۇنى ئىنتايىنھاياجانلاندۇردى ۋە خۇشال قىلدى.

ۋۇئەپەندى مۇكاپات ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداقدېدى:«قايتىپ بارغاندىن كېيىن، "قوش رەڭلىك توپ" ۋە "شادلىق8" ئۇيۇنىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كۆپچىلىك پاراۋانلىقىئىشلىرىنى داۋاملىق قوللايمەن، شۇنداقلا يەنە بىر چوڭ مۇكاپاتقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى.

(سانجى فېڭرۇي)



1.png