تەلىيىئوڭدىن كەلگەن كىشى ئىشلەمچى يىگىت كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-07
来源:ئەلكۈيى تورى

يېقىندا،كۈنەس ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى شياۋما (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەشئۇيۇنى ئون مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، قەلبى ھەسەلدەك لەززەتكە تولدى. شياۋماسىچۇەندىكى يۇرتىدىن كۈنەس ناھىيىسىگە ئىشلەمچىلىك قىلغىلى كەلگەن بولۇپ، ئادەتتەبوش ۋاقتى بولسىلا يېقىن ئەتراپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيىسى سېتىش پونكىتىغا بېرىپبىر نەچچە تال قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېىتىۋېلىپ تەلەيسىناپ باقاتتى. « مەن ئىزچىل قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىغا ئامراق ئىدىم، لاتارىيەبىلەت يۈزى چىرايلىق، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، قىرىش ئارقىلىقلا مۇكاپاتچىقىدىغان-چىقمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى، ناھايىتى قىزىقارلىق ئىدى. مەن ھەرقېتىم كۆپ سېتىۋالمايمەن، ئادەتتە بىر ئىككى پارچىلا سېتىۋالىمەن، بەلكىم مۇكاپاتقائېرىششىم مۇمكىن ئىدى»-دېدى.

12 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، شياۋما يەنە كۈنەس ناھىيەسى 65410203 پاراۋانلىقلاتارىيە پونكىتىغا كىلىپ بىر نەچچە پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيەبىلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقماقچى بولدى، شۇ كۈنى ئۇ قىممىتى ئوخشاش بولمىغانلاتارىيە بېلىتىنى ئايرىم ـ ئايرىم قىرماقچى بولۇپ، بىر قارارغا كەلدى، ئۇ قولىدا قىممىتى10 يۈەنلىك«كۆزنى قاماشتۇرىدىغان 8» لاتارىيە بىلىتىنى ئېلىپ، تېز سۈرئەتتە قىرىشقاباشلىدى، نەتىجىدە «ئويناش ئۇسۇلى 1» نىڭ قاپلاش پەردىسىدىكى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتپۇلىنى شياۋما بىۋاسىتە قولغا چۈشۈردى.

بۇقېتىمقى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن شياۋمانىڭ كۆڭلى لەززەتكە تولغانئىدى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: « ئەسلىدە بىر مەزگىل كۆپرەك خىزمەت قىلىپ، يەنەئازراق پۇل توپلاپ، ئاندىن يۇرتىمغا قايتىپ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ،چاغاننى بىللە ئۆتكۈزمەكچى ئىدىم. ھازىر ياخشى بولدى،   10 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلى مېنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇنئۆيگە قايتىش ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇردى!»-دېدى.

(ئىلىياڭخۇي)

8.png