ماشىنا ئالماشتۇرماقچى بولغان يىگىت كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2022-01-06
来源:ئەلكۈيى تورى

مۇكاپاتچىقتى! مۇكاپات چىقتى! خۇش خەۋەر ! سانجى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى 400 مىڭ يۈەنلىك كاتتامۇكاپاتقا ئېرىشتى

12 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، سانجى شەھىرى 65230278 پاراۋانلىق لاتارىيەپونكىتىدىن كاتتا   مۇكاپات چىققانلىق خۇش خەۋەرتارقالدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچىنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، «ئون ھەسسە ئامەت» لاتارىيەئۇيىنىدا 400 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇ كۈنى، پاراۋانلىقلاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى خەن خانىم ئادەتتىكىگە ئوخشاش ئەتىگەندىلا پاراۋانلىقلاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ تىجارەت باشلىدى. چۈش سائەت ئىككىلەر ئەتراپىدا،ئىشىكتىن ئۈچ كېلىشكەن يىگىت كىرىپ كەلدى، قارىماققا ھەممىسى ناتونۇش چىراي ئىدى،خەن خانىم دەرھال:« ـــ ياخشىمۇ سىلەر! بىر قانچە تال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىڭىزنىسىناپ باقامسىز؟»-دەپ سورىغاندا، بىر ياش كۈلۈپ تۇرۇپ: « ياخشى! مەن ئاۋۋال بىر نەچچەتال قىرىپ تەلەي سىناپ باقاي، مەن يېڭى ماشىنا ئالماشتۇرماقچى»-دېدى. ئەسلىدە بۇ ئۈچياش ياندىكى ماشىنا رېمونتخانىسىغا ماشىنا رېمونت قىلغىلى كەلگەنىكەن، ئەمماغوجايىن يوق بولغاچقا، خەن خانىمنىڭۈ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيەسېتىۋېلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان. ئۈچ ياش بىر نەچچە پارچە «بايلىق مەخپىينومۇرى» ۋە بىر بولاق «ئامەت ئون ھەسسە» نى سېتىۋېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەنقىرىشقا باشلىدى، ئۈچەيلەننىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن لاتارىيە بېلىتى ئېلىۋاتقانلىقىغاقاراپ، خەن خانىم كۈلۈپ تۇرۇپ: « ئۇنداقتا سىلەرگە ئالدىن ئامەت تىلەيمەن! »-دېدى.

بىردەمدىنكېيىن ئۈچەيلەن تاللانغان لاتارىيە بېلىتىنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا خەن خانىمغاتاپشۇرۇپ، خەن خانىمنى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشكە چاقىردى. خەن خانىم   ماشىنا ئالماشتۇرماقچى بولغان ھېلىقى ياشنىڭلاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئېلىپ، بېلەت يۈزىدىكى مۇكاپات چىقىش ئەھۋالىنى بىر-بىرلەپتەكشۈرۈپ، ئون يۈەنلىكنىڭ، يىگىرمە يۈەنلىكنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، ئۇ بۇنىڭئىچىدىكى بىر پارچە « ئامىتى ئون ھەسسە» لاتارىيەسىنى كۆرۈپ، « مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ« 34» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇ دەل« مۇكاپات نومۇرى» بولۇپ، مۇكاپاتسوممىسى 400 مىڭ يۈەن دەپ كۆرسىتىلگەن. خەن خانىم خۇشال ھالدا: « مۇبارەك بولسۇن!يىگىت، سىزگە مۇكاپات چىقتى، كاتتا مۇكاپات، سىز ماشىنا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدىغانبولدى! بۇ لاتارىيەنى مەن نەقلەشتۈرەلمىدىم، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسىمەركىزىگە بېرىپ نەقلەشتۈرسىڭىز بۇلىدۇ، قالغان كىچىك مۇكاپاتلارنى نەقلەشتۈرۈپ بېرەي.»-دېدى.

ئىگىلىنىشىچە،سانجى شەھىرى 65230278 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى 2020 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنىتىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، ئەتراپتىكى لاتارىيەچىلەرگە قىزغىنلىق بىلەن مۇلازىمەتقىلىپ، 2021 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى 300 مىڭ يۈەنلىك «رەڭدار قاتلاق مۇزىكا» مۇكاپاتىچىققان، كېيىن تېخىمۇ خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي، مۇكاپات كەينى ـ كەينىدىن چىققان، بۇقېتىم يەنە «ئامەت ئون ھەسسە» 400 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات چىققان، نۇرغۇن لاتارىيەچىدوستلارنىڭ قەلبىدىكى «مۇكاپات مەيدانى» بۇلۇپ قالغان.

(سانجىلى پېڭۋېي)

5.png