ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا يەنىلا چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

ئەلكۈيى تورى
2022-01-05
来源:ئەلكۈيى تورى

قاراشەھەر ناھىيەلىك لاتارىيەچى چېڭ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى) لاتارىيە بىلەنتۇنۇشقىلى تېخى ئۇزۇن بولمىغان بۇلۇپ، ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇيۇن «قوش رەڭلىكتوپ» ئۇيۇنى. ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دەسلەپتە يېنىدىكى دوستلىرى لاتارىيە ئوينايدىغانبۇلۇپ، كېيىن دوستلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن چېڭ ئەپەندىنمۇ بۇ «چوڭ مۇكاپات كاتتا،كىچىك مۇكاپات كۆپ» بولغان لاتارىيە ئۇيۇنىغا ئامراق بۇلۇپ قالدى.

چېڭئەپەندى دەسلەپتە ھەر قېتىم لاتارىيە سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن، مۇكاپاتباشلىنىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتەتتى، كېيىن ۋاقتىچىقسىلا « قوش رەڭلىك توپ» توپ ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش چېڭ ئەپەندىنىڭ تۇرمۇشىداكەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بولۇپ قالدى. دەسلەپتە چوڭ مۇكاپاتقا قاتتىق تەشنابولغان ئىنتىلىشتىن، ھازىر مۇكاپات نەتىجىسىگە پەرۋاسىزلىق بىلەن يۈزلەنگەنگە قەدەر،چېڭ ئەپەندىنىڭ روھىي ھالىتىدە لاتارىيە سېتىۋېلىش جەريانىدا تەدرىجىي ئۆزگىرىشبولدى.

چېڭئەپەندى مۇنداق دېدى: « ئېسىمدە قېلىشىچە، نەچچە يىل ئىلگىرى، ھەر قېتىم < قوشرەڭلىك توپ> سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن، مەن تېلېۋىزور ئالدىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپمۇكاپات بىۋاسىتە تارقىتىشىنى كۈتەتتىم، بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەندىن كېيىن، تولۇپتاشقان ئۈمىد ھەمىشە بىر داس سوغۇق سۇغا چىلىناتتى. گەرچە ئازراق چۈشكۈنلىش بار بولسىمۇ،لېكىن مەن ئىزچىل ۋاز كەچمىدىم. مېنىڭچە ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا يەنىلا چىڭ تۇرۇپداۋاملاشتۇرۇش كېرەك، چۈنكى بىر كۈنى بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن!»-دېدى.

12 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كەچتە، چېڭ ئەپەندى تېلېۋىزوردىن پاراۋانلىقلاتارىيە مۇكاپاتنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىلىشىنى كۆرۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭ يەنجى ناھىيەسىدىكى65280150 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا سېتىۋالغان «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى لاتارىيەبېلىتىدە شۇ قاراردا بىر دو ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققانلىقىنى بايقىدى،مۇكاپات سوممىسى 156831 يۈەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن چېڭ ئەپەندى ئۆزى ئويلىغاندەكبەك ھاياجانلىنىپ كەتمىدى، بەلكى كۈلۈپ قۇيۇپ مۇكاپات چىققان لاتارىيە بېلىتىنىياخشى سېلىپ قۇيۇپ كارۋاتقا چىقىپ ئارام ئالدى.

2-ئاينىڭ17-كۈنى، چېڭ ئەپەندى ئۆزى يالغۇز بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگەكېلىپ مۇكاپات ئالدى. بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانى تىلغا ئېلىنغاندا، چېڭ ئەپەندىپەرۋاسىزلارچە: « ئەسلىدە مەن چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، ئەممامەن بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەل قارىغان چاغدا، چوڭ مۇكاپات ئاستا-ئاستا يېتىپ كەلدى.خۇددى كونىلار دېگەندەك < قەستەن گۈل تىكسە ئېچىلمايدۇ، مۇنداقلا تال سەپ قويسائويلىمىغان يەردىن تال چىۋىقلار سايە تاشلاپ تۇرىدۇ> ئىش بولدى. قارىغاندا لاتارىيەسېتىۋېلىش ئۈچۈن يەنىلا ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن! »-دېدى.

(بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سۇڭ شۈەنلىن)

微信截图_20220126153910.png