شىخەنزە شەھىرىدىكى لاتارىيەچى شياۋ شۈ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-30
来源:ئەلكۈيى تورى

ئىككى ئاي ئىلگىرىكى بىر ئاخشىمى، شىخەنزە شەھىرىدىكى شياۋ شۈ دوستلىرى بىلەن جىنما بازىرى ئەتراپىدا تاماقتىن كېيىن بىر قولاي دۇكانغا كىرىپ سۇ سېتىۋېلىپ ئىچىۋاتاتتى، دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇ بىر چەتتە تۇرغان بېلەت سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى «شياۋخۇاڭلار» نى كۆرۈپ، ئۇلار بىر نەچچىنى چۆرىدەپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن ھەممىسىدىن مۇكاپات چىقتى، بۇ شياۋ شۈنىڭ تۇنجى قېتىم «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئوينىشى ئىدى، شياۋ شۈ 30 يۈەن خەلجەپ 1000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شۇنىڭدىن باشلاپ شياۋ شۈ ئاندا-ساندا بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقىدىغان بولدى، 11- ئاينىڭ 2- كۈنى كەچتە، ئۇ بىر نەچچە دوستى بىلەن يىغىلىپ تاماق يېگەندە، ئالدىنقى قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدا پاراڭلاشتى، بۇ چاغدا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىناپ باقماقچى بولۇپ، تاماقتىن كېيىن پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، تەلەي سىناپ بېقىشنى مەسلىھەتلەشتى، تاماقتىن كىيىن ئۇلار شاڭخەي شەھەرچىسى يەنى شاڭخەيچېڭ ئەتراپىدىكى 65030090 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى.

ئۇلار مەخسۇس ئويناپ باقمىغان لاتارىيە بېلەتلەرنى تاللىدى، ۋە ئولتۇرۇپ قىرىشقا باشلىدى. بىرنەچچەيلەن بىر تەرەپتىن ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ قىلىپ، بىر تەرەپتىن بېلەت قىردى، ئۇلار ئارقا ـ ئارقىدىن قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىنى قىردى، ئاخىرىدا شياۋ شۈنىڭ قۇلىدا بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى قالدى، دوستلىرى ئەتراپتا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ قىرىشىغا قاراپ تۇردى، ئەڭ ئاخىرقى بىر قۇر قالغاندا يەنە قىزىقچىلىق قىلىپ: « قارىغىنە، مۇكاپات چىقمىدى، يۈرۈڭلار، ئۆيگە قايتايلى!»-دېيىشتى، نەتىجىدە شياۋ شۈنىڭ قۇلىدىكى ئەڭ ئاخىرقى لاتارىيە بېلىتىنىڭ ئاخىرقى قۇردا «05» نۇمۇر پەيدا بولدى، ئارقىدىنلا «05» نىڭ ئاستىدىكى 250000 يۈەن كۆرۈندى، ئۈستىدىكى «مۇكاپات نومۇرى» نى قارىغادىن كىيىن مۇكاپات نۇمۇرى ھەقىقەتەن «05» ئىدى، ئۇ خۇشاللىقىدىن: « قاراڭلار، مۇكاپات چىقتى! چوڭ مۇكاپات چىقتى!»-دېدى، دوستلار دەرھال كېلىپ ئۇنىڭ قولىدىكى لاتارىيە بېلەتنى كۆرۈپ، بەس ـ بەستە تەبرىكلەشتى ۋە ھەۋەس قىلىشتى.

شياۋشۈ شىخەنزە شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئۇ 65030090 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى بىلەن مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشگىلى باردى، مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا بۇ جاينى ئېسىدە تۇتىۋېلىشنى كېلەر قېتىم چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندە ئۆزى كىلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرسە بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، شياۋ شۈ بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاقاھلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ئىسىمدە تۇتىۋالدىم، كېلەر قېتىم يەنە كاتتا مۇكاپات چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»-دېدى.