سانجى ئوبلاستىدىن بىراقلا تۆت چوڭ مۇكاپات چىقتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-29
来源:ئەلكۈيى تورى


4-چىسلا ، پاراۋانلىق لاتارىيە «شادلىق 8» ئۇيۇنى 2021294 قارار مۇكاپات تارقىتىلدى، سانجى ئوبلاستى لاتارىيە شەھىرى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمدى، ماناس ناھىيەسى 65230177، 6523242 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى، قۇتۇبى ناھىيەسى 65230196، 65230160 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا لاتارىيەچى «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا 698000 يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك خۇشخەۋەر تارقالدى. سانجى ئوبلاستىدىن بىراقلا تۆت چوڭ مۇكاپات چىققان ئىدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ تۆت تەلەيلىك لاتارىيەچى ئۈچۈن خۇشال بولدى، ئويلىمىغان يەردىن مۇكاپات نەقلەشتۈرگىلى پەقەت بىرلا لاتارىيەچى كەلدى.

كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەلەيلىك لاتارىيەچى 8 ـ چىسلا مۇكاپات چىققان تۆت تال لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى. سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، تۆت پارچە لاتارىيەدە «دەن يەتتە چۈەن تو» دو تىكىش ئۇسۇلى، « سەككىزنى تاللاش» قوللىنىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەتتە دەنما تۇلۇق چىققان، يەككە لاتارىيە بېلىتى مۇكاپات سوممىسى 698 مىڭ يۈەن بولغان، تۆت پارچە لاتارىيە بېلىتىدە جەمئىي 2 مىليون 792 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىققان.

مۇكاپات ئالغاندا، نېمە ئۈچۈن تۆت لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغانلىقىنى سورىغاندا، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: « مەنمۇ مەنپەئەتلەنگۈچى، ئاتالمىش "يولۋاسنى ئۇرغان بىر تۇغقان ئاكا-ئۇكا، جەڭگە قاتناشقان ئاتا-بالا ئەسكەر"، مۇكاپاتقا چققان نومۇرنى ماناستىكى ئاكام تاللىغان، ئۇنىڭ نومۇر تاللىشى ياخشى ئىكەن، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سېتىۋالدىم، ئويلىمىغان يەردىن ھەر ئىككىمىز ئىككى دو ئالغان ئىدۇق، بۇمۇ پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ. ئاكام خىزمەت سەۋەبىدىن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشكە كىلەلمىدى، ماڭا تولۇق ھوقۇق بىلەن ھاۋالە قىلدى.»-دېدى.

بۇ مۇكاپات پۇلىنى قانداق خەجلەشكە كەلسەك، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەچى مۇكاپات ئارقىلىق ئائىلە تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا لاتارىيە ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللاپ، لاتارىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.