ئامەتلىك لاتارىيەچى ما ئەپەندى 52000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-05
来源:ئەلكۈيى تورى

« تۇيغۇغا ئەگىشىپ ماڭساڭ، ئامەت ھەممىنىڭ ئالدىدا بۇلىدۇ». 3D ئۇيۇنىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئامەتلىك لاتارىيەچى ما ئەپەندى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە مۇنداق دېدى. 3D ئۇيۇنى پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى كۆپ خىل ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ «مۇكاپات مۇقۇم، كۈندە مۇكاپات ئېچىلىش، دو تىكىش ئاددىي» بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن زور بىر تۈركۈم لاتارىيەچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا لاتارىيەچىلەرگە ئوخشاش بولمىغان مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتى ئاتا قىلدى.

ما ئەپەندى كونا پىشقەدەم 3D لاتارىيەچىسى بولۇپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ نەچچە ئون يىل بولغان، ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ ئايلىنىپ، نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان 3D نومۇرىغا دو تىكىدۇ. 12 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ما ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن سانجى شەھىرىدىكى 65230169 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ساقلاش نومۇرىدىكى «قوش رەڭلىك توپ» غا تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، 3D ئويۇن نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسى ئالدىغا كېلىپ كۆزەتتى. كۆزىتىش ئارقىلىق ما ئەپەندى« 886» بىلەن« 882» دىن ئىبارەت ئىككى دو نۇمۇرنىڭ يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ كەسكىنلىك بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىككى دو نومۇرىغا 15 ھەسسە دو تىكتى، ئويلانغاندىن كېيىن يەنە 15 ھەسسە دو تىكتى. ما ئەپەندى باشقا لاتارىيەچىلەر دوستلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى دو نومۇرىنىڭ دەرىجىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈپ، يەنە 10 ھەسسە ئاشۇرۇپ دو تىككەن، كېيىن يەنە 10 ھەسسە دو تىككەن. مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ: ـــ«لاۋما، سىز ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم دو تىكتىڭىز، قارىغاندا راستلا مۇكاپات چىقىدىغان ئوخشىمامدۇ»-دېدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن خۇش خەۋەر ما ئەپەندىنىڭ سىزىمىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىدى. شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇن 2021324-قارارلىق مۇكاپات نومۇرى دەل « 886» بولۇپ، ما ئەپەندى جەمئىي 50 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 52000 يۈەن بولدى، مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈرگەندىن كېيىن ما ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنى مېنىڭ بۇ بىر يىلدىكى ئەڭ تەلەيلىك بولغان ۋاقتىم دېيىشكە بولىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ تەلەينىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى داۋاملىق قوللاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىمەن!»-دېدى.

(سانجى لى پېڭۋېي)