لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش تۇرمۇشتىكى بىر خىل خۇشاللىق ۋە ئادەت

ئەلكۈيى تورى
2021-12-24
来源:ئەلكۈيى تورى

«كىچىك ئويناش ئۇسۇلى، چوڭ ماركا، مۇقىم مۇكاپات، كۈندە مۇكاپات ئېچىلىش». مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، مۇكاپاتنىڭ ھەممىسى قولغا كېلىدۇ، باج تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ، پاراۋانلىق لاتارىيە 3D ئويۇنى لاتارىيەچىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى لاتارىيەچىلەر بەش قولدەك بىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن لاتارىيەچىلەر ھەسسىلەپ دو تىكىش ئارقىلىق مۆجىزە ياراتقان. يېقىندا، سانجىدىكى لاتارىيەچى ما ئەپەندى نەچچە ھەسسە دو تىكىپ، نۇرغۇن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى.

11- ئاينىڭ 30- كۈنى، ما ئەپەندى ئۆزى ياخشى نۇمۇرلار بىلەن دو تىكتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دو نومۇرىدىن ئۇ ئويلىمىغان يەردىن 31200 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. « ئامەت كەلسە ھەقىقەتەن توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ئويلىمىغان يەردىن راستتىنلا مۇكاپات چىقتى». ما ئەپەندى 12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئۆيىگە كېلىپ، بۇ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى.

مۇكاپات نومۇرى تىلغا ئېلىنغاندا، ما ئەپەندى ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ مۇنداق دېدى: « بۇ مەن ھېس قىلغىنىمغا ئاساسەن يازغان ئۈچ دو نومۇر: 258، 369، 567، ئۇلارنىڭ ماڭا ئامەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرىكى دو تىكىش ئادىتىم بويىچە بۇ ئۈچ دو نومۇرغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 30 ھەسسە دو تىكتىم، ئويلىمىغان يەردىن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم!»-دېدى.

ما ئەپەندى مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا 20 يىل بولغانلىقىنى، مۇكاپات چىقىش-چىقماسلىقى ئاللىقاچان مۇھىم ئەمەس ئىكەنلىكىنى، لاتارىيە سېتىۋېلىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىر خىل خۇشاللىق بولۇپ قالغانلىقىنى، لاتارىيە بېلىتىنىڭ ھەقىقەتەن بەك قىزىقارلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇرۇنقىدەكلا پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(سانجى فېڭرۇي)