ئامەتلىك لاتارىيەچى سۈن ئەپەندى 400000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-22
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، قىزىقارلىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. 12 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى كەچتە، قەشقەر شەھىرى 65310210 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى، بۇ پونكىتتىن «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى «ئون ھەسسە ئامەت» 400 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات چىققان ئىدى.

يېقىندا تەلەيلىك لاتارىيەچى سۈن ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قەشقەر ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى. ئىگىلىنىشىچە، سۈن ئەپەندى ئىزچىل تۈردە پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى بولۇپ كەلگەن، سۈن ئەپەندىنىڭ ئۆيى 65310210 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئەتراپىدا بۇلۇپ، شۇڭا ئۇ بوش ۋاقتى بولسىلا بۇ پونكىتقا بېرىپ بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدۇ، 12- ئاينىڭ 6- كۈنى كەچ سائەت 8 دىن ئاشقاندا، سۈن ئەپەندى بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىش يولىدا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى،ۋە بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتۋېلىپ كۆڭلىنى بوشاتماقچى بولدى، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئيۇنى كۆرگەزمە ئىشكاپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كۆرگەزمە ئىشكاپىدا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بېلەت تۈرى −«ئون ھەسسە ئامەت» نى كۆرۈپ، دەرھال قىزىقىپ قالدى، سۈن ئەپەندى مال ساتقۇچى شياۋجياڭغا: « ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم، ماڭا ئىككى پارچە "ئون ھەسسە ئامەت" لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز»-دېدى. لاتارىيە بېلەتنى ئالغاندىن كېيىن، سۈن ئەپەندى خۇشال ھالدا قىرىشقا باشلىدى، بىرىنچى پارچىنىڭ ئىچىدىن مۇكاپات چىقمىدى؛ ئىككىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن 50 يۈەن مۇكاپات چىقتى، سۈن ئەپەندى دەرھال يەنە بىر پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. ئۈچىنچى پارچىسىنىڭ ئۈستىدىكى « مۇكاپات نومۇرى» بولسا « 21» ، ئۇنىڭ ئۈستىگە« مېنىڭ نومۇرۇم» دىمۇ« 21» بار ئىدى، كەينىدىكى مۇكاپات سوممىسى« 400 مىڭ» يۈەن ! سۈن ئەپەندى شۇ ھامان تۇرۇپلا قالدى، مال ساتقۇچى شياۋ جياڭ ئالدىراپ بېرىپ لاتارىيەگە قاراپ خۇشال ھالدا سۈن ئەپەندىنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ: ـــ«مۇبارەك بولسۇن ئاكا! سىزگە 400 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىپتۇ»-دېدى.

قەشقەر پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرگەندە، سۈن ئەپەندى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « مەن بۇ مۇكاپاتنى قانداق ئىشلىتىشنى تېخى ئويلىشىپ بولالمىدىم، 400 مىڭ يۈەن بىزدەك ئادەتتىكى ئائىلىلەر ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل ھېسابلىنىدۇ، ئاۋۋال ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بۇ خۇشاللىقنى ياخشى تەبرىكلەيمىز!»-دېدى.