فاڭ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-21
来源:ئەلكۈيى تورى

2021 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، قۇمۇلدىكى فاڭ ئەپەندى دوستى بىلەن تىنچلىق يولى تيەنيۆۋەن ئولتۇراق رايونىدىكى 65220108 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ كۆڭۈل ئېچىپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن كەلدى، بۇ ئۇ دائىم بارىدىغان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بولۇپ، ئۆيىگە يېقىن بولغاچقا، مال ساتقۇچىلار بىلەن تۇنۇش ئىدى، شۇڭا ئۇ مال ساتقۇچىلار بىلەن خېلى كۆپ پاراڭلىشاتتى.

فاڭ ئەپەندى 30 نەچچە ياش، قۇمۇل يەرلىك، خىزمىتى ۋە تۇرمۇشى بىر قەدەر مۇقىم، بوش ۋاقتى بولسىلا ئۇ دوستىنى چاقىرىپ، 6522018 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى. كۆپچىلىك دوستلار بىلەن لاتارىيە سېتىۋېلىپ ناھايىتى خوشال بولاتتى، 3D ئويۇنى فاڭ ئەپەندى بىلەن دوستلار چوقۇم ئوينايدىغان ئويۇنغا ئايلاندى.

11-ئاينىڭ 27-كۈنى، فاڭ ئەپەندى دوستلىرى بىلەن ئوخشاشلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى. فاڭ ئەپەندى ئادەتتە ئالدى بىلەن 3D نۇمۇر يۆلىنىش خەرىتىسىگە قاراپ، ئاندىن لاتارىيە بىلىتى سېتىۋالىدۇ، شۇ كۈنى ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا دو تىكىشكە باشلىدى، ئۇ مال ساتقۇچى شياۋ يۈەنگە مۇنداق دېدى: « بۈگۈن بىر دو نۇمۇر كاللامدا پات-پات پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ، دو تىككەندىن كېيىن بىر گەپ بولار، شياۋ يۈەن سىزنىڭچە < 134> دېگەن بۇ نومۇر قانداقراق ئىكەن؟»، مال ساتقۇچى خادىم شياۋ يۈەن ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا، فاڭ ئەپەندىنىڭ دوستى مۇنداق دېدى: « مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە < 143> بىر قەدەر ياخشى، لېكىن ئورنىنى قانداق بېكىتىشنى بىلمىدىم، بىلەت تاللاش ياخشىمۇ ياكى گۇرۇپپىلاپ تاللاش ياخشىمۇ؟»، ئىككىسى تەڭلىكتە قالغان پەيتتە، شياۋ يۈەن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: « قارىسام ئىككىڭلار تەڭلىكتە قاپسىلەر، ئەگەر ئورۇننى كۆرەلمىسەڭلار، مەن سىلەرنىڭ دو تىكىش بىلىتىنى تاللىغان ۋاقىتتا گۇرۇپپىلاپ تاللاشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا قانداقلا بولمىسۇن ئوخشاشلا مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بۇلىدۇ»-دېدى.

ـــ ڧاڭ ئەپەندى :« بولىدۇ! يەككە بويىچە < 143> گە 40 ھەسسە دو تىكەي»-دېدى.

فاڭ ئەپەندىنىڭ دوستى: « مەن دو تىكىش گۇرۇپپىسىنى تاللاي، مەن 10 ھەسسە دو تىكەي»-دېدى.

فاڭ ئەپەندىنىڭ دوستى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىگە قاراپ تۇرۇپ: ـــ دوستۇم، تەلىيىڭىزنىڭ ئوڭدىن كېلىشىنى، ماڭا ئامەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، مۇكاپات چىقسا مەن سىزنى كاۋاپ يېيىشكە تەكلىپ قىلىمەن.»ــ دېدى.

شۇ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇنى 2021317-قارار مۇكاپات ئېچىلدى، فاڭ ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى، فاڭ ئەپەندى 40 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 41600 يۈەن بولدى، ئۇنىڭ دوستلىرى 10 دو گۇرۇپپىلاپ تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 1730 يۈەن بولغان. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، فاڭ ئەپەندى دوستىغا: « مۇشۇنچىۋالا كۆپ مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز، مەن سىزنىڭ تەلىيىڭىزگە مۇپتىلا بولدۇم، بۇرادەر يۈرۈڭ، كاۋاپ يەپ كېلەيلى!»-دېدى.

(قۇمۇل خۇاڭبو، جاڭ لۇڭيۈ)