جۇ ئەپەندى 30 مىڭ يۈەنلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-17
来源:ئەلكۈيى تورى

قىش كىرگەندىن بۇيان، سوغۇق ھاۋا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كەلدى. ئەمما ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشى لاتارىيەچىلەرنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىغا توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچى بولغان مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئامەتلىك لاتارىيەچى بولسا قورغاس ناھىيىسىدىكى جۇ ئەپەندى بولۇپ، ئۇ بىر نەچچە يۈەن بىلەنلا قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «باي باياشات» لاتارىيە بېلىتىدە 30000 يۈەنلىك بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق لاتارىيەچىسى بۇلۇپ، «قوش رەڭلىك توپ» ، « شادلىق 8» ، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى قاتارلىق بارلىق لاتارىيە ئويۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوينىيالايدىكەن، ئۇ «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» غا تېخىمۇ ئامراق ئىكەن. جۇ ئەپەندى ئىزچىل تۈردە ئەقەللىي ھالدا لاتارىيە بىلىتى سېتىۋېلىپ كەلگەن، ھەر قېتىم ئانچە كۆپ سېتىۋالمىسىمۇ، ئەمما ئامىتى ئىزچىل ياخشى بولۇپ، دائىم بەزى كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشەتتى.

12 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئىشتىن چۈشكەن جۇ ئەپەندى ئادەتتىكىدەك قورغاس ناھىيەسىدىكى 65412302 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالماقچى بولدى، ئۇ   دو تىكىپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال بىر پارچە 5 يۈەنلىك «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ تەلەي سىناپ باقتى. ئۇ يەنە ئالدىرماي بىر پارچە قىممىتى 2 يۈەنلىك «باي باياشات» لاتارىيە بېلىتى تاللاپ قىرىشقا باشلىدى، لاتارىيە بېلىتى ئۈستىدە «بىلىق» نىڭ بەلگىسى چىقتى، جۇ ئەپەندى مۇناسىپ مۇكاپات پۇلىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 30 مىڭ يۈەن ئىكەنلىكىنى بىلدى، بۇ ئۇنى بەك خۇشال قىلىۋەتتى. جۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: « بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمنى ئويلاپ باقماپتىمەن، شۇنچە يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتىم، تۇنجى قېتىم بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم، ھەقىقەتەن تەلىيىم كەلدى! »-دېدى.

مۇكاپات ئېلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بولغان جۇ ئەپەندى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم ئايالىمنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان قوللىغانلىقىدىن بولدى، بۇ 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتنى چوقۇم ئۇ ۋە تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بالامغا سوۋغات قىلىشىم كېرەك، بۇ تەلەينى ئانا ـ بالا ئىككىسى ئېلىپ كەلگەن!»-دېدى.

(ئىلى ياڭخۇي)