سانجىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى تاڭ ئەپەندى 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-14
来源:ئەلكۈيى تورى

8-چىسلا، سانجىدىكى تاڭ ئەپەندى ئۈچۈن خوشاللىنارلىق بىر كۈن بولدى! تاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەندىكى كونا لاتارىيەچى بۇلۇپ، ئادەتتە بوش ۋاقتى بولسىلا ئۆيىگە يېقىن سانجى شەھىرى نىڭبيەن يولىدىكى 65230259 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ لاتارىيە سېتىۋالاتتى، ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى بۇلۇپ، يېقىندا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى قىممىتى 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە بېلىتى ئۇنى ئۆزىگە چوڭقۇر جەلپ قىلدى.

ئالدىنقى كۈنلەردە، تاڭ ئەپەندى يۇرتىغا تۇغقان يوقلاشقا بارماقچى بولۇپ، ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلدى، ئۇنى ئازراق چۈشكۈن قىلىپ قويغىنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان«دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالالمىغانلىق ئىدى، چۈنكى پاراۋانلىق لاتارىيە   پونكىتىدىكى« دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە بېلىتى سېتىلىپ بولغان بۇلۇپ ، لاتارىيە بېلەت قالمىغان ئىدى. تاڭ ئەپەندى يۇرتىغا قايتىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئۇ 65230259 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ مال ساتقۇچى شياۋ لىغا 100 يۈەن پۇل بېرىپ، « دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە بېلىتىدىن ئىككى پارچە ئېلىپ قۇيۇشنى تاپىلىدى، ئۇ يەنە پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدۇ، مال ساتقۇچى ناھايىتى سەمىمىي -دېدى.

سىچۈەننىڭ ميەنياڭغا ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن تاڭ ئەپەندى مال ساتقۇچى شياۋ لىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا 50 يۈەنلىك «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە بېلىتى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. تاڭ ئەپەندى شياۋ لىغا ئىككى تال تاللاپ ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويۇشنى ۋە ئۆزىنىڭ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن قايتىپ بېرىپ قىرىدىغانلىقى ئېيتتى. 8-چىسلا تاڭ ئەپەندى يۇرتىدىن سانجىغا قايتىپ، ۋاقىت چىقىرىپ 65230259 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ، كۆڭلىدىكى «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە بېلىتىنى قىردى. ئامەت يېتىپ كەلدى، بىرىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن چوڭ مۇكاپات چىقتى، مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن بولدى، ئون مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تاڭ ئەپەندىنى ھاياجانلانغانلىقىدىن دەرھال شياۋ لىنىڭ قولىنى تۇتتى، ئۇ خۇشاللىقىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي قالدى.

پاراۋانلىق لاتارىيە 65230259 پونكىتى سانجى شەھىرى نىڭبيەن شەرقىي يولى ئوبلاستى سەنجيەن ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ يېنىغا جايلاشقان بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ئەتراپىدا كونا ئولتۇراق رايون بار بۇلۇپ، بۇ پونكىتقا كىرگىنىدە ئېنىق، رەتلىك لاتارىيە يۈزلىنىش خەرىتىسى ۋە پاكىز، رەتلىك مۇھىت كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، مال ساتقۇچى شياۋ لى مۇلايىم، چىقىشقاق بولۇپ، پېشقەدەم لاتارىيەچىلەر ئېغىزىدىن ئۇنىڭ پىرىنسىپلىق، سەمىمىيلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان قىززىقچان ئىكەنلىكىنى، ياش لاتارىيەچىلەرنىڭ ئاغزىدىن ئۇنىڭ چىقىشقاق قىز ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ. شياۋ لى مۇنداق دېدى:«تاڭ ئەپەندىنىڭ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ، چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولدۇم، تەلىيىم ئوڭدىن كەلدى. لاتارىيەچىلەر بۇ يەردىن لاتارىيە سېتىۋېلىپ كۆپچىلىك پاراۋانلىقى قىلدى، ئۇلارنىڭ ماڭا ئىشەنگىنىگە رەھمەت، مەن مال ساتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سەمىمىي تىجارەت قىلىشنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن.»-دېدى.