قوش رەڭلىك توپ 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-13
来源:ئەلكۈيى تورى

قوش رەڭلىك توپ 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن كاتتا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سېتىش مىقدارىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى

11-ئاينىڭ 16-كۈنى، لاتارىيەچىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتقان بىر مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك قوش رەڭلىك توپ ئۇيۇنى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى تۇنجى قارار (2021131 قارار) مۇكاپات ئېچىلدى، مەملىكەت بويىچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 465 مىليون يۈەندىن ئاشتى، جەمئىي 6 دو بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا چىقتى، يەككە دو مۇكاپات سوممىسى 9453797 يۈەن بولدى، ئىچكى موڭغۇل، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، گۇاڭشى، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى لاتارىيەچىلەر بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەندىكى ئۈچ دو بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات لاتارىيە بىلىتى دو تىكىش سوممىسى شەرتىگە ئۇيغۇن بولغان (شۇ قارار يەككە بېلەت سوممىسى 20 يۈەندىن ئاشقان، 20 يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئادەتتىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن باشقا، يەنە قوشۇمچە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، مۇكاپات سوممىسى 8333333 يۈەن بولۇپ، بېرىلگەن مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 17787130 يۈەن بولدى.

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرگە نىسبەتەن، بۇ قېتىمقى قوش رەڭلىك توپ 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك چوڭ تىپتىكى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، مول بولغان مۇكاپاتىنىڭ سالمىقى كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقىنى مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈردى، شۇ قارار سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 9229856 يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭ رايونىدىكى قوش رەڭلىك توپ ئويۇنىنىڭ يەككە قارار سېتىش رىكوتىنى يېڭىلىدى (ئىلگىرىكى يەككە قارار سېتىش رىكوتى 2020095 قارار، سېتىلىش مىقدارى 8583714 يۈەن) ، بۇ مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش ئالدىدىكى بىر قارار (2021130 قارار) دىن 2 مىليون يۈەن يۇقىرى بولغان، بۇنىڭدىن بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ قالتىس سېھرىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، تەھرىر يەنە كەڭ لاتارىيەچى دوستلارغا شۇنى ئەسكەرتىدىكى، بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ دو تىكىش سوممىسى شەرتىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش كېرەك، يەنى شۇ قارارلىق يەككە بېلەت سوممىسى 20 يۈەندىن ئېشىشى كېرەك (20 يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ،بىز باشتا دېگەندەك بىرىنچى دەرىجلىك مۇكاپات چىققان 3 بىلەتكە ئوخشاش، دو تىكىش سوممىسى شەرتى ماس كەلمىگەنلىكتىن بىرىنچى دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپاتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.