تەلەيلىك لاتارىيەچى «بايلىق شىفىرى» ئۇيۇنىدا 50 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-13
来源:ئەلكۈيى تورى

يېڭى ئاي كىرگەندىن بۇيان، پاراۋانلىق لاتارىيە شەھىرى شادلىققا چۆمدى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭدىكى بىر تەلەيلىك لاتارىيەچى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ «بايلىق شىفىرى» ئۇيۇنىدا 50 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 15-چىسلا سەھەردە، بەختكە يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى دۇڭ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كەلدى، ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا كۆڭلىدىكى خۇشاللىقىنى يوشۇرالماي، مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانىنى خۇشال ـ خۇرام سۆزلەپ بەردى.

ـــ«سۆزلەپ كەلسەك ناھايىتى قىزىقارلىق، بۇ مۇكاپات پۇلىنى ئېشىپ قالغان لاتارىيە بېلەتلەرنى تېرىپ ئېرىشكەن.»ـــ دېدى دۇڭ ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا. 14-چسىلا كەچتە، دۇڭ ئەپەندى تاماق يەپ بولۇپ سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ، خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ 22 ـ تۈەنىدىكى 65452818 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كەلدى. دۇڭ ئەپەندى ئادەتتە لاتارىيە ئوينايتتى، بولۇپمۇ « قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىغا ئامراق ئىدى، ئاندا-ساندا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن بىر نەچچە تال سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقاتتى. گەرچە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باققان ئىدى.

شۇ كۈنى كەچتە، دۇڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ، بىر لاتارىيەچىنىڭ «بايلىق شىفىرى» نى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى، « مۇشۇ تۆت تال بولسۇن، بۇنى مەن ئالمايمەن»- بۇ لاتارىيەچىنىڭ بۇنداق دېگىنىنى ئاڭلاپ، لاتارىيەچى قۇيۇپ قويغان «بايلىق شىفىرى» نى مال ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ بەرگەندە، دۇڭ ئەپەندىنىڭ كاللىسىدا بىر خىل تۇيغۇ پەيدا بولدى، بۇ لاتارىيە بېلىتىدە چوڭ مۇكاپات بولۇشى مۇمكىن. ـــ«ماڭا بېرىڭ، مەن ئالاي»-دېدى دۇڭ ئەپەندى، ئۇ لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ ئىنچىكىلىك بىلەن قىرىشقا باشلىدى، بىرىنچى ئويناش ئۇسۇلىدا مۇكاپات يوق ئىدى، ئىككىنچى ئويناش ئۇسۇلىغا قاراپ باقايلى، مۇكاپات مەخپىي نومۇر « 764» بولۇپ، مەخپىي نومۇر« 764» بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەخپىي نومۇر پۈتۈنلەي ئوخشاش چىقتى، مۇكاپات سوممىسى 50 مىڭ يۈەن ئىدى. چوڭ مۇكاپاتنىڭ بۇنداق تېز كېلىشىنى ھېچكىم ئويلىمىغانىدى. دۇڭ ئەپەندىنى ناھايىتى خۇشال بولدى.

بەخت بەك تۇيۇقسىز كەلگەچكە، دۇڭ ئەپەندى بۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلمىدى، مال ساتقۇچى ئۇنىڭغا مۇكاپات چىققانلىقىنى ئېنىق ئېيتقان ھەمدە ئۇنى تەبرىكلىگەندە، ئۇ ناھايىتى خۇشال ھالدا لاتارىيە بېلىتىنى سومكىسىغا سالدى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، دۇڭ ئەپەندى ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە خۇشال ـ خۇراملىققا ئېرىشىمىز، مۇھىمى قاتنىشىش ۋە بەرداشلىق بېرىش. مانا بۇ مېنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش تەسىراتىم، كۆپچىلىكنىڭ ئامەتلىك بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.