لى ئۇستام 31200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-10
来源:ئەلكۈيى تورى

لاتارىيە سېتىۋېلىش بىر خىل ئۈمىد، مۇكاپات چىقىش بىر خىل تەلەي. چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نۇرغۇن لاتارىيەچى دو تىكىش نومۇرىنى تاللىغاندا، «تۇيغۇ» دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەيدۇ، لاتارىيەچى لى ئۇستاممۇ شۇنداق، ئۇ « تۇيغۇ» غا تايىنىپ كەسكىن ھالدا ھەسسىلەپ دو تىكىپ، 3D ئۇيۇنىدا 31200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

لى ئۇستام سانجىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇلۇپ، 3D ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋىلىش ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان ساقلاپ كەلگەن ئادەت، نەگىلا بارسا پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە دو لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلەي سىناپ باقىدۇ. 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، لى ئۇستام سانجى شەھىرى گۇاڭمىڭ كوچىسى 59 ـ نومۇر 65230186 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزەتتى، بىر قاتار ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، گۇرۇپپا 3 ـ نومۇرىنىڭ 17   قارار چىقمىغانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ قاراردا گۇرۇپپا ئېچىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، بۇ چاغدا، كاللىسىدا «774» دېگەن نومۇر تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن لى ئۇستام مال ساتقۇچى لاۋ ۋاڭنى 15 ھەسسە يەككە دو تاللاشقا بۇيرىدى، بېلەت چىقىرىدىغان چاغدا، ئۇيەنە 15 ھەسسىدىن 30 ھەسسىگە تەڭشىدى. شۇ كۈنى كەچتە 3D ئويۇنى 2021306-قارار مۇكاپات نومۇرى « 774» بولدى، بۇ دەل لى ئۇستام دو تىككەن نومۇر ئىدى.

بۇنداق توغرا نومۇر تاللاش تېخنىكىسى ئەتراپتىكى لاتارىيەچى دوستلارنى ھەيران قالدۇردى، لى ئۇستامدىن نومۇر تاللاش ماھارىتىنى سورىغاندا، ئۇ ناھايىتى كەمتەرلىك بىلەن: « بۇنچە كۆپ نومۇردىن بىر نومۇر تاللاش ئاددىي ئىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنىڭ ئۆزى تەلەيگە ۋە تۇيغۇغا تايىنىش دېمەكتۇر»-دېدى.

لى ئۇستام مۇكاپات ئالغاندا، بۇ مۇكاپاتنىڭ يىل ئاخىرىدا ئۆزىگە ئامەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىككى يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتىگە نۇرغۇن لاتارىيەچى دوستلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ھەم مېھىر ـ شەپقەتى مۇجەسسەملەنگەن ، تەھرىر بۇ يەردە ئىزچىل دو تىكىپ كېلىۋاتقان ھەربىر لاتارىيەلىك دوستلارنىڭ ياخشى تەلەيگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.