پاراۋانلىق لاتارىيە پائالىيەتلىرى لاتارىيەچى دوستلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-09
来源:ئەلكۈيى تورى

زور سوۋغات!

دەرىجىدىن تاشقىرى مۇكاپات!

پائالىيەت باشلاندى!

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى كاتتا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتى لاتارىيەچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئالدىدا تۇرماقتا. 2021 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ «قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنلىك كاتتا مۇكاپات تارقىتىش پائالىيتى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كەڭ لاتارىيە سېتىۋالغۇچىلارغا خۇشاللىق ۋە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، پائالىيەت «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2021131 قارار (11 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كەچتە) دىن باشلىنىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 20 قارار داۋاملىشىدۇ.


چوڭ-كىچىك مۇكاپاتلىرىنىڭ ھەممىسى بىر قاتلىنىدۇ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىليون يۈەن بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە قوش رەڭلىك توپ بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ۋە ئالتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات تارقىتىلىدۇ، دو تىكىش ئۇسۇلى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. 1-دەرىجىلىك مۇكاپات ئالاھىدە مۇكاپاتى تەسىس قىلىنىپ، مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسى 500 مىليون يۈەن بولىدۇ، ھەر بىر قېتىمدا 25 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شۇ قاراردىكى يەككە بېلەت سوممىسى 20 يۈەندىن ئاشقان 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتى ھەر قېتىم شۇ قاراردىكى 1-دەرىجىلىك مۇكاپات لاتارىيە بېلىتىگە ئاساسەن 1:1 نىسبەت بويىچە ئالاھىدە مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئەگەر شۇ قارارلىق 1-دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات مۇكاپات 1:1 نىسبەت بويىچە مۇكاپات تارقىتىشقا يەتمىسە، مۇكاپات قۇشۇش شەرتىدىكى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى مۇكاپاتقا بېرىلگەن دو سانى بويىچە تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ. ئەگەر بىرىنچى دەرىجىلىك ئالاھىدە مۇكاپات مۇكاپاتىدا شۇ مەزگىلدە قالدۇق بولسا، يەنە بىر قارار قوشۇپ تارقىتىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يەككە بېلەت سوممىسى شەرتى ئاستىدا، يەككە دو تىكىش بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى 700 مىليون يۈەن بولغان 6-دەرىجىلىك مۇكاپات بىر ھەسسە قاتلىنىپ، شۇ قارارلىق يەككە بېلەت سوممىسى 20 يۈەندىن ئاشقان 6-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىگە قارىتا، ھەربىر دو مۇقىم مۇكاپات سوممىسى 5 يۈەن بولۇپ، تارقىتىلىپ بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.

11 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، تەھرىر سانجى شەھىرى بېيجىڭ شىمالىي يولى نىڭخې قورۇسى 2 ـ نومۇرلۇق بىنانىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى دۇكان ئەتراپىغا جايلاشقان 65230284 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، ئىشىك سىرتىدا دېرىزىگە چاپلانغان «قوش رەڭلىك توپ» مۇكاپاتى تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ تەشۋىقات ئېلانىنى كۆردى. پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرگەندە، تەشۋىقات ئېلانى، لوزۇنكىلار، ئاسما بايراقلارنى، دو تىكىش جەدۋىلى ۋە مۇكاپات نومۇرى ئېلان تاختىسىنى كۆردى، پۈتۈن دۇكاننىڭ ئىچى شاد ـ خۇراملىققا چۆمگەنلىكىنى كۆردى. پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى ۋاڭ چۈنجۈنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەت قائىدىسىنى تەشۋىق قىلىپلا قالماي، يەنە ئۈندىدار ئارقىلىق لاتارىيەچى دوستلار مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ ئۇلانمىسى ۋە ئېلانى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ   پائالىيەت ئۇچۇرىنى يەتكۈزدى.

بىر « قوش رەڭلىك توپ» ھەۋەسكارى لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ، يېقىنقى پائالىيەتلەرنى سۈرۈشتۈردى، ۋاڭ چۈنجۈ سەۋرچانلىق بىلەن تونۇشتۇردى، لاتارىيەچى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئۆزىگە نىسبەتەن بىر خۇش خەۋەر ئىكەنلىكى. ئادەتتە ئۆزىنىڭ « قوش رەڭلىك توپ» نى سېتىۋېلىشقا ئامراق ئىكەنلىكىنى، مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىدەك ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدىغانلىقى، دوستلىرى بىلەن بىرلىشىپ نۇمۇر تاللاپ بىرلىكتە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدىغانلىقى، كاتتا مۇكاپات چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.