ئامەتلىك لاتارىيەچى 3D ئويۇنىدا ۋاڭ ئەپەندى 520000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-12-07
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنى 2021244 قاراردا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىككى ھەسسە يەككە دو تىكىپ، جەمئىي 500 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 520000 يۈەن بولدى. ئىگىللىنىشچە، ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ پېشقەدەم لاتارىيەچىسى ئىكەن، ئۇ ياپياش بولغىنى بىلەن، ھەرخىل ئويۇنلارنى بەش قولدەك بىلىدىكەن، ھەمدە دو تىكىش ئۇسۇللىرىنىمۇ پىششىق بىلىدىكەن، لاتارىيەچىلەر چەمبىرىكىدىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۈچى بار ئىكەن.

ۋاڭ ئەپەندى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن 3D ئۇيۇنى ئويناشقا بەك ئامراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئادەتتە ئەڭ ئاددىي بولغان يەككە ھەسسىلەپ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ دو تىكىمەن. 9-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش 65010357 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، D3 ئويۇن نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى تەپسىلىي تەتقىق قىلدى، ۋاڭ ئەپەندىنىڭ كۆزىتىشىچە، 2021200-قاراردا يۈزلەر خانىسىدا «4» چىقىپ باقمىغان بۇلۇپ، نۇقتىلىق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نومۇرغا تەۋە، شۇڭا ۋاڭ ئەپەندى ناھايىتى تېزلايۈزلەر خانىسى نۇمۇر «4» نى تاللىدى، ئونلەر خانىسى «1» نۇمۇرمۇ چىقىپ باقمىغان بۇلۇپ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇمۇر، بىرلەر خانىسىغا تاللايدىغان نۇمۇرغا ۋاڭ ئەپەندى دەماللىققا بىر قارارغا كېلەلمىدى، ئۇ تۇيۇقسىز « 7» نى تاللسا توغرا بۇلىدىغاندەك ھىس قىلدى، ۋە ۋاڭ ئەپەندى شۇلارنى ئويلاپ يوتىسىغا بىرنى ئۇرۇپ، كەسكىنلىك بىلەن «417» نومۇرغا 500 ھەسسە دو تىكتى.

10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى ئۈرۈمچى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، نېمە ئۈچۈن بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى كەلگەنلىكى توغرىسىدا سورىغاندا، ئۇ ناھايىتى تاقەتسىزلىك بىلەن:«مېنىڭ بۇ نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك لاتارىيە بېلىتىم يانچۇقۇمدا بىر ئايدىن كۆپرەك تۇردى، مەن بەك تىت-تىت بولدۇم. مانا، ئەمدىلا ئىچكىرىدىن كاماندىروپكىدىن قايتىپ كېلىپلا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى كەلدىم، كۆڭلۈم ئەمدى جايىغا چۈشتى.»-دېدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىنكى كەيپىياتىنى تىلغا ئالغاندا، ۋاڭ ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ چاقچاق قىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئەمەلىي كۈچ بىلەن تەلەينىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: « گەرچە مەن بەزى ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ چىققان بولساممۇ، لېكىن ھەر قېتىم توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمىدىم، شۇنداقلا كەڭ سەيمىن دوستلارغا، ھەسسىلەپ مەبلەغ سېلىش گەرچە ياخشى بولسىمۇ، قول سېلىشتا يەنىلا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ قويدۇم. » دېدى.