چېن ئەپەندى 3D ئويۇنىدا 41600 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-11-30
来源:ئەلكۈيى تورى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنىنىڭ 2021289-، 2021290-قارارلىق مۇكاپات نومۇرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا« 830» ۋە« 658» بولۇپ، قەشقەر شەھىرىدىكى لاتارىيەچى چېن ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) نىڭ ئامىتى كەينى-كەينىدىن كېلىپ، ئۇدا ئىككى قارار مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 41600 يۈەن بولدى.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەندە، چېن ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە پەيدا بولۇپ، ئۆزىگە تەۋە بولغان مۇكاپاتنى قولىغا ئالدى. ئىگىلىنىشىچە، چېن ئەپەندى 10 يىللىق كونا پىشقەدەم لاتارىيەچى «كونا پىنتوزا» بولۇپ، ئەڭ قىزىقىدىغىنى 3D ئويۇنى ئىكەن، ئادەتتە بوش ۋاقتى بولسىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىغا بېرىپ لاتارىيەچى دوستلار بىلەن نۇمۇر تاللاش تەسىراتى توغرىسىدا پىكىرلىشىدىكەن. بۇ قېتىمقى مۇكاپات نومۇرىنى ئۇ 3D ئويۇن نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىققان. چېن ئەپەندى نومۇر تاللاشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇپ، ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاشنى ناھايىتى ئاز قوللىنىدۇ، دو تىكىشتىن بۇرۇن چوقۇم نۇمۇر قىممىتى، ئىسسىق-سوغۇق نومۇر قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى تەھلىل قىلىدۇ، تاللىغان نومۇرلارغا ئالاھىدە سەزگۈر بولغاندا، ئاندىن ھەسسىلەپ دو تىكىدۇ.

10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چېن ئەپەندى قەشقەر شەھىرىدىكى 65310187 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، نومۇرنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىگە ئاساسەن بەش دو 3D يەككە نومۇرىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، قايتا ـ قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، دادىللىق بىلەن 20 ھەسسە دو تىكىپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئايرىلدى. شۇ كۈنى كەچتە، چېن ئەپەندى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئەتىگەندە سېتىۋالغان 3D ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ـ ئېرىشمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرمىگەنلىكى ئىسىگە كېلىپ، ئۆيىدىن ئانچە يىراق بولمىغان قەشقەر شەھەرلىك 65310179 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ مۇكاپات نۇمۇرىنى سۈرۈشتۈردى. مۇكاپات نومۇرى « 830» نىڭ لاتارىيە پونكىتى ئاپپاراتى ئېكرانىدا پەيدا بولغاندا، ئۇ بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى، ئاندىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا سەكرەپ تۇرۇپ:«مۇكاپات چىقتى !»-دېدى. بۇ تەلەينى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، چېن ئەپەندى دەرھال يەنە تۆت دو يەككە نۇمۇر تاللىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتىگەندە تاللىغان نومۇرى «658» نى قوشۇپ، يەنە 20 ھەسسە دو تىكتى. چېن ئەپەندىنىڭ تەلىيى يەنە ئوڭدىن كەلدى، ئۇ يەنە بىر قېتىم 20 ھەسسە يەككە تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئىككى قېتىملىق مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 41600 يۈەن بولدى. چېن ئەپەندى ئۇدا ئىككى قارار مۇكاپاتقا ئېرىشتى، نېمىدىگەن بەختلىك ھە!

چېن ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، ھاياجىنىنى قىلچە يوشۇرماي: « بۇ < ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن مۇكاپات> مېنى ئىككى كېچە ئۇيقۇسىزلاندۇرۇپ قويدى، شۇڭا بۈگۈن ئەتىگەندىلا مۇكاپات ئالغىلى كەلدىم! بۇ ھەقىقەتەن بەك سىرلىق ئىش بولدى، بۇنىڭغا ئۆزۈممۇ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ.»-دېدى.