ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر قېتىمدىلا 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-11-24
来源:ئەلكۈيى تورى


پاراۋانلىق لاتارىيە «شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، «شادلىق 8» ئويۇنى 2021277 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى 65318001 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇشخەۋەر كەلدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى ئابلىمىت (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) «دەن 4 چۈەنتو» دو تىكىش ئۇسۇلى بەشنى تاللاش بويىچە دو تىكىپ، بىر قېتىمدىلا 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ئابلىمىت ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سادىق مەستانىسى بۇلۇپ، بۇ يىل پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ يېڭى ھەمراھى بولغان « شادلىق 8» ئويۇنى بازارغا سېلىنىشى بىلەن ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ «شادلىق 8» نىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىر يۈرۈش ئۆزگىچە تەسىرات يەكۈنلەندى، ئۇ بولسىمۇ ليەن نومۇر ۋە شيېليەن نۇمۇرنى بىرلەشتۈرۈپ دو تىكىش.

10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئابلىمىت ئەپەندى 65318001 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، بىر تەرەپتىن مال ساتقۇچى بىلەن پاراڭلاشقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن «شادلىق 8» نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى كۆزەتتى، ئۇ «26، 27، 33، 34» دېگەن بۇ تۆت نومۇرنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، مەيلى ليەن نومۇرى ۋە شيېليەن نومۇرى بولسۇن ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىگە ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئابلىمىت ئەپەندى سەل ئويلىنىۋېلىپ، كەسكىنلىك بىلەن بۇ تۆت نومۇرنى «دەنما» قىلىپ، بەشنى تاللاش ئۇسۇلى «دەن 4 چۈەنتو» دو تىكىش ئۇسۇلى بويىچە دو تىكتى. شۇ قارار مۇكاپات ئېچىلغاندا، ئابلىمىت ئەپەندى تاللىغان 4 دەنمانىڭ ھەممىسى چىققان بۇلۇپ، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 17260 يۈەن بولدى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، ئابلىمىت ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى:« "شادلىق 8" ئويۇنى ماڭا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، ئوينىغانسېرى قىززىقىپ كىتىمەن ھەم خۇشال بۇلىمەن، مەن بۇ ئۇيۇنغا ھەقىقەتەن بەك ئامراق!»-دېدى.