ئامەتلىك لاتارىيەچى«شادلىق 8»ئويۇنىدا 23200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-11-10
来源:ئەلكۈيى تورى

2021 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، «شادلىق 8» ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، سانجى شەھىرىنىڭ يەنئەن جەنۇبىي يولىدىكى 65238022 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيەچى ئامەتلىك ھالدا «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا 23200 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 11- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى بۇ تەلەيلىك لاتارىيەچىنى كۈتۈۋالدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ لاتارىيە بېلىتىنى تىلغا ئالغاندا، گەپنى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندىمدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇ دېگەن پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى كونا لاتارىيەچى، لاتارىيە ئويناۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان بۇلۇپ. ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئۇيۇنى بازارغا سېلىنىشتىن باشلاپلا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كەلگەن بۇلۇپ، «شادلىق 8» ئۇيۇنىنىڭ بارلىق ئويناش ئۇسۇللىرىنى سىناپ كۆرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئوندىن ئوننى تاللاش، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 5 مىليون يۈەن بولغان ئويناش ئۇسۇلى ئۇنى چوڭقۇر جەلپ قىلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئوندىن ئوننى تاللاش ئۇسۇلى ئۇنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ قالغان، ئۇ ھەر قېتىمدا دېگۈدەك دو تىككەن.

نومۇر تاللاش تىلغا ئېلىنغاندا، ۋاڭ ئەپەندى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە نۇمۇرنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە مەنىسى يوق، يەنى مۇكاپات نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىگە ئاساسەن، تۇيغۇغا ئاساسەن تاللىغان نومۇر. ئەگەر ياخشى بولۇپ قالسا، بۇ نومۇرنى 3 ~ 4 كۈن ساقلايمەن، ئەگەر ياخشى بولماي قالسا، يەنە بىر گۇرۇپپا يېڭى نومۇرنى ئالماشتۇرۇپ داۋاملىق دو تىكىمەن. يەككە شەكىللىك، قوش شەكىللىك، دەنتو ھەممىسىنى سىناپ باققان، ئەڭ كۆپ سىنايدىغىنى يەنىلا قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلى، ھەر قېتىملىق دو تىكىش سوممىسى 50 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيتتى.

ئىلگىرى «كۆتەك تۈۋىدە توشقان ساقلاش» تەك دو تىكىش ئۇسۇلى بىلەن مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باققان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەچكە، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشمۇ نومۇر ساقلاش ئارقىلىق بولغان. ـــ«مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك، بىر خىل ئېھتىماللىق ۋەقەسى، لاتارىيە سېتىۋېلىش خۇشاللىق ئىزدەش دېگەنلىك، مۇكاپات چىقىش ياكى چىقماسلىق ئۇ بىر خىل ئېھتىماللىق.»ــ دېدى ۋاڭ ئەپەندى مۇكاپات ئالغاندا كۈلۈپ تۇرۇپ.