قەشقەردىكى ئامەتلىك لاتارىيەچى 103560 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-11-10
来源:ئەلكۈيى تورى

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسى 65318003 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى لى ئەپەندى (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) «دەن 4 چۈەن تو» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شادلىق 8 ئويۇنىنىڭ « بەشنى تاللاش» ئويناش ئۇسۇلىغا ئالتە ھەسسە دو تىكتى، نەتىجىدە تۆت دەنما تۇلۇق چىقىپ، 103560 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، لى ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق لاتارىيەچىسى بولۇپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسى بىلەن تۇنۇشقىلى بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان، ئادەتتە ئىشتىن چۈشۈش جەريانىدا پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە، بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقىدىكەن. «شادلىق 8» ئويۇنى شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، لى ئەپەندى بۇ ئويۇنغا قىزىقىپ قالدى، ئۇ مۇنداق دېدى:«"شادلىق 8" ئويۇنى ئاددىي، ئاسان ئۆگەنگىلى بولىدۇ، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى يۇقىرى، ئۇزاق مۇددەت نومۇر ئېلىش ياكى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە سېتىۋېلىشقا ماس كېلىدۇ». ئۇ گەرچە چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئادەتتىكى كىچىك مۇكاپاتلارغىمۇ ئاز ئېرىشمىگەن. بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشىنى تىلغا ئالغاندا، لى ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « مەن بىر سودىگەر، كەسىپ سەۋەبىدىن مەيلى قايسى خىل ئويۇننى ئويناي، چۇقۇم خەيرىلىك ساننى تاللايمەن، پاراۋانلىق لاتارىيە "شادلىق 8" ئۇيۇنىدىكى "8" بۇ نۇمۇر ئاڭلاشقىلا خەيرىلىك بىلىنىدۇ، شۇڭا مەن بۇ ئۇيۇنغا ئامراق».

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شۇ كۈنى، لى ئەپەندى ئىشتىن چۈشۈپ 6531803 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ، بىر نەچچە قوش رەڭلىك توپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىن كېيىن، « شادلىق 8» نومۇرىنىڭ تارقىلىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، « 10، 44، 46، 79» دېگەن تۆت نۇمۇرنى ياخشىدەك ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن كەسكىنلىك بىلەن بۇ تۆت نۇمۇرنى «دەنما» قىلىپ، « بەشنى تاللاش» قا قارىتا ئالتە ھەسسە «دەن 4 چۈەن تو» بويىچە دو تىكتى. شۇ كۈنى كەچتە شادلىق 8 ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلغاندىن كېيىن، سېتىش خادىمى خۇشخەۋەر ئۇچۇرىنى لى ئەپەندىمگە يەتكۈزدى، لى ئەپەندى 103560 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. لى ئەپەندى ھاياجانلىنىپ بىر كېچە ئۇخلىيالمىدى، ئىككىنچى كۈنى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئورنىنىڭ ئادرېسىنى سوراپ، ئايالى بىلەن بىللە قەشقەر ۋىلايەتلىك پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە كېلىپ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىردى.

لى ئەپەندى مۇنداق دېدى:«بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش ھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىش بولدى، پاراۋانلىق لاتارىيە "شادلىق 8" ھەممەيلەنگە ئامەت ئېلىپ كەلگۈسى، تىجارىتىمنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»-دېدى.