مادرىد ئاتلېتكا مەستانىلىرى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ رونالدونى پۈتۈنلەي رەت قىلدى

ئەقىدە
2022-07-27
来源:دوڭچىيۇدى

يېقىندا رونالدونىڭ مادرىد ئاتلېتكىغا قوشۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىندى. مادرىد ئاتلېتكىنى قوللايدىغان مەستانىلەر تەشكىلاتى - مادرىد ئاتلېتكا خەلقئارا مەستانىلەر كۇلۇبى بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رونالدونىڭ «كىرلىكلەر قوشۇنى»غا كېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مادرىد ئاتلېتكىنىڭ رونالدو بىلەن توختام ئىمزالاش مۇمكىنچىلىكى باردەك قىلىدۇ، ھازىر بۇ ئىشنى ھېچقانداق ئاساسى يوق پىتنە-ئىغۋا دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بىز رونالدونىڭ مادرىد ئاتلېتكىغا قوشۇلۇش يوشۇرۇن ئېھتىماللىقىنى رەت قىلىمىز، بىزنىڭ پوزىتسىيىمىز يەنىلا بىزنىڭ 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىمىز بىلەن بىردەك. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان بۇ توپچى مادرىد ئاتلېتكىنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرىدۇ، مەسىلەن تىرىشىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئاددىي-ساددا بولۇش، كەمتەر بولۇش دېگەندەك.

رونالدو ئېنىقلا كەسپىي ھاياتىنىڭ تۆۋەنلەش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ كوماندىغا ياردەملىشىپ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلىسىمۇ، بىز يەنىلا ئۇنىڭ كۇلۇبىمىزغا كېلىشىنى قوبۇل قىلالمايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە رونالدونىڭ بىزنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرىشى مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ مادرىد ئاتلېتكىغا بولغان تەۋەلىك تۇيغۇمىزنى كىرىستىيانو رونالدو چۈشىنەلمەيدۇ، ئۇ ھېس قىلالمايدۇ ۋە ئىگە بولالمايدۇ، شۇڭا ئۇمۇ بىزنىڭ ئېتىراپ قىلىشىمىزغا، مۇھەببىتىمىزگە ئېرىشەلمەي تۇرۇپ ھېچقانداق ئامالى يوق.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئەگەر كۇلۇب ھەر قانداق ۋاقىتتا رونالدو بىلەن توختام ئىمزالاشنى ئويلاشقان بولسا، ئۇنداقتا بىز كۇلۇبتىن ئۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇن توختام ئىمزالاشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.