رونالدو شەھەرنى رەت قىلىپ،مانچىستىر بىرلەشمىسىگە مۇنداق قۇشۇلدى

ئەلكۈيى
2021-08-28
来源:罗米的曼联博客

QQ20201127-0.gifWechatIMG79.jpeg

ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيە ماقالىسى: بىر كېچىدىلا، كىرىستىيانو رونالدو مانچېستېر شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ مانچېستېر شەھىرىگە ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان« خائىن» دىن، ئۆيىگە قايتىش رىۋايىتىگە ئايلاندى. جۈمە كۈنى كەچتە، يۇۋېنتۇس بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئەسلىدە رەت تەرتىپى ئېنىق دەپ قارالغان كىرىستىيانو رونالدو مانچېستېر شەھىرىگە يۆتكەلدى دەپ قارالدى،ئەمما ۋەزىيەتتە جىددىي بۇرۇلۇش بولدى، مانچېستېر بىرلەشمىسى رونالدونىڭ يۆتكىلىشىدە كۈچلۈك رول ئوينىدى ھەمدە تېزلىكتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، شۇ جاي ۋاقتى جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، مانچېستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىنىڭ ئورگان خىتابنامىسى يۇۋېنتۇس بىلەن رونالدو يۆتكىلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، 2023- يىلى 6- ئايغىچە توختام ئىمزالاپ، رىۋايەتلىك 7- نومۇرنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي كونا ئائىلىسگە قايتقانلىقىنى جاكارلىدى.

جۈمە كۈنى ئەتىگەندە، كىرىستىيانو رونالدو يۇۋېنتۇس مەشىق مەيدانىغا قايتىپ كېلىپ، باش تىرېنېر ئالېگرى ۋە سەپداشلىرى بىلەن خوشلاشقاندا، پۈتۈن يەر شارى تاراتقۇلىرى يەنە ئۇنىڭ مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلغاندىن كېيىن قانداق كىيىم كىيىدىغانلىقى، گۇئاردىئولانىڭ سىستېمىسىغا قانداق كىرىدىغانلىقى، مانچېستېر بىرلەشمىسى مەستانىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلدى.

نۇرغۇن مانچېستېر بىرلەشمىسى مەستانىلىرى رونالدونىڭ جەڭ كىيىمىنى يىرتىپ تاشلىماقچى ۋە ئۇزىتىپ قويماقچى بولدى، غەزەپكە تولغان بىر قىزىل ئالۋاستى مەستانىسى ، ھەتتا ئىلگىرى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان كىرىستىيانو رونالدونىڭ 7-نومۇرلۇق توپ كىيىمىگە ئوت قويۇۋەتتى.

تاغىل ئات قوشۇنى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، كىرىستىيانو رونالدو شەخسىي ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ تورىندىن ئايرىلدى، يۇۋېننىڭ باش تىرېنېرى ئالېگرې رونالدونىڭ كوماندىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىدى. « تۈنۈگۈن، كىرىستىيانو (رونالدو) ماڭا، ئەمدى يوۋىنتۇس ئۈچۈن كۈچ چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. دېدى.

20210828

ئەمما، ئايروپىلان يەرگە قونغاندىن كېيىن، كىرىستىيانو رونالدو كىشىلەرگە مۇنداق دېدى: « بىر سائەتتىن كېيىن، سىلەر مېنىڭ قەيەرگە بېرىپ توپ تېپىدىغانلىقىمنى بىلىسىلەر، سىلەر مېنىڭ يېڭى كۇلۇبىمنى بىلىسىلەر. مەن بەك خۇشال.   

«كىرىستىيانو رونالدو كۇلۇبتىكى رىۋايەتلىك توپچى، شۇنداقلا تارىختىكى ئەڭ ئۇلۇغ توپچى، ئەگەر سىز مەندىن سورىسىڭىز، مەن ئۇنىڭ يۇۋېنتۇستىن ئايرىلىشىنى ئويلاپ باقماپتىمەن. لېكىن بىز ئىزچىل ياخشى پىكىرلىشىۋاتىمىز، بىرونو (فېرنەندىس) نىڭمۇ ئىزچىل ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. سو چوڭام مۇنداق دېدى: « كىرىستىيانو رونالدو بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھېسسىياتىمىزنى بىلىدۇ، ئەگەر ئۇ يۇۋېنتۇستىن   ئايرىلىپ كەتسە، ئۇ بىزنىڭ مۇشۇ يەردە ئىكەنلىكىمىزنى بىلىدۇ. سىز مېسسى، رونالدو، پوگبا ياكى بىرونو بولسىڭىز ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خەۋەرلەرنى ئوقۇپ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ نېمە ئىش يۈز بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرالايسىز، چۈنكى ئۇ بۇ كۇلۇبنىڭ رىۋايىتى. »

سولسىكىيا تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: « مەن كىرىستىئانو توغرىسىدا كۆپ پەرەز قىلىشنى خالىمايمەن، بىز ئالدى بىلەن دىققىتىمىزنى مۇسابىقىگە مەركەزلەشتۈرەيلى. مەن نۇرغۇن قېتىم دېدىم، سىز مانچىستىر بىرلەشمىسى ئۈچۈن كۈچ چىقارسىڭىز، ياكى سىز مېسسى، س. رونالدو بولسىڭىز، سىز تەبىئىيلا ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تېمىلارنى ئوقۇيالايسىز. مەن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە توپ تەپكەن، ھەم ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ بىلەن بىللە توپ تەپكەن ھەر بىر ئادەم ئۇنىڭغا بەك قىزىقىدۇ. »

بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان مانچېستېر شەھىرىنىڭ باش تىرېنېرى گۇئاردىئولا تېخىمۇ مۇتەئەسسىپ كۆرۈنەتتى، ئۇ ئۆز كوماندىسىنىڭ رونالدونى كىرگۈزۈشىنىڭ ناھايىتى يىراق ئىكەنلىكىنى، ھەممە ئىشتا كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئارزۇسىغا قاراش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. « مېنىڭ قارىشىمچە، بىر قىسىم توپچىلار بار، نەدە توپ تىپىشنى ئۆزى قارار قىلسا بولىدۇ، كىرىستىيانو رونالدو دەل شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « ھەممە ئىش ئۇلارنىڭ كىم ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئويلايدىغانلىقىغا باغلىق. مەن ھازىرقى سەپ شەكلىدىن بەك رازى، ئۆزگەرتمەسلىكتە گەپ يوق. مېنىڭ دەيدىغىنىم، ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ تۆت كۈندە، ھەممە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. »

«كىرىستىيانو ئۆزىنىڭ نەدە توپ تەپكۈسى بارلىقىنى ئۆزى قارار قىلىدۇ، مانچېستېر شەھىرى ئەمەس، مەنمۇ ئەمەس. بەزى ئىشلار تېخى ناھايىتى يىراق، ناھايىتى يىراق. بۇ گىگانىت چولپانلار ئۆزىنىڭ كېتىش ياكى قېلىشىنى بەلگىلەيدىكەن، مېسسى ئۆزى قەيەرگە بېرىشنى قارار قىلىدىكەن، ئۇلار ئىشىكنى چېكىدىكەن، تېلېفون ئۇرىدىكەن، بۇ ئەھۋاللارنى مەن كونتىرول قىلالمايدىكەنمەن. بىراق مەن كوماندىدىن ئىنتايىن رازى، مەن دىققىتىمنى ئۆزۈم ئىگە بولغان توپچىلارغا مەركەزلەشتۈردۈم. كۇلۇب پۈتۈن كۈچىنى چىقاردى، رىسنىڭ سۆھبەتلەشكۈسى يوق ئىدى، سۆھبەت ماھىرى دانيېل لېۋى ئەپەندى ھەممىنى بىلمەيتتى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئالمىشاتتىم، ئەگەر خاررى كەيئېن مېنىڭ كوماندام ئىچىدە بولغان بولسا، بەلكىم ئوخشاشلا شۇنداق قىلغان بولاتتى. مەن ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى كەسپىي ھاياتىنىڭ لوندوندىكى ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلەيمەن. »

گۋارچىنىڭ گېپى گەپنىڭ ئاخىرىنى ئاشكارلىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەت تېز تەرەققىي قىلىپ مانچىستىر بىرلەشمىسى مانچىستىر شەھرىدىن تىز سۈرئەتتە ھالقىپ، رونالدوغا ئىرىشىشتىكى قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. پورتۇگالىيەلىك گىگانت چولپاننىڭ چۈش تىياتىرخانىسىغا قايتىپ كېلىش ئارزۇسى بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ھالقا. ئەنگلىيە« مانچېستېر كەچلىك گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، فو چوڭام ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ، جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئامراق شاگىرتى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن بىۋاسىتە تېلېفونلاشقان. ئەينى ۋاقىتتا، مانچېستېر شەھىرى پورتۇگالىيە يان ھۇجۇمچىلىرىغا قىزىقىدىغان بىردىنبىر كۇلۇب ئىدى.

فورگېسېن كىرىستىيانو رونالدوغا نىسبەتەن غايەت زور تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇپ، تاراتقۇلار تەرىپىدىن« ئىككىنچى دادا» دەپ قارالغان. 2013-يىلى   پىنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن، رونالدو مانچىستىر بىرلەشمىسىگە قايتىشقا قۇشۇلغان، بوۋاي يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى رىسنىڭ بېلىغا ئىمزا قويۇپ، قىزىل ئالۋاستىنى قايتىدىن ياۋرۇپاغا خوجا قىلماقچى بولغان. ئەپسۇسلىنارلىقى، بوۋاينىڭ خانىمى كەيسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى ئالەمدىن ئۆتكەنلىكتىن، ئامراق خوتۇنىغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن، بوۋاي مۇددەتتىن بۇرۇن پۇتبول مۇنبىرىدىن خوشلاشقانلىقىنى جاكارلىغان، كىرىستىيانو رونالدونىڭ قايتىپ كېلىش پىلانى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان، رونالدومۇ   خانلىق مادرىد كوماندىسىغا داۋاملىق قوشۇلغان، بوۋاي پەقەت خانلىق مادرىد كوماندىسى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇنى قۇچاقلاپ تەبرىكلەشكە مەجبۇر بولغان.

بۇ قېتىم فىرگوسېن شاگىرتى رونالدوغا توي كىيىمى تىكىپ بېرىپ، كىرىستىيانو رونالدونى قايتىدىن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلغان.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىم مانچېستېر بىرلەشمىسى خوجايىنىمۇ كىرىستىيانو رونالدونى ئىنتايىن قوللىغان، گرېز جەمەتى سېپى ئۆزىدىن سودىگەر ئىدى، لېكىن ئۇلار كىرىستىيانو رونالدونىڭ پۇتبول مۇنبىرىدىكى ئورنىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ سودا قىممىتىنى ئېنىق بىلەتتى. شۇڭا، جول بىلەن ئافرامدىن ئىبارەت ئىككى تىجارەت كۇلۇبىغا مەسئۇل بولغان ئاكا-ئۇكا دەرھال ھۆكۈم قىلىپ، 30 مىليون ياۋروغا يۇۋېنتۇستىن   كىرىستىيانو رونالدوغا يۆتكىلىش توختامىغا   ئىمزا قويغان، مەيلى ماھارەت مۇسابىقىسى بولسۇن ياكى ماھارەت مۇسابىقىسى قاتلىمى بولسۇن، مۇتلەق پايدىسى بار، دەپ ھۆكۈم قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلارمۇ كىرىستىيانو رونالدونى سېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قىزىل ئالۋاستى مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، كىرىستىيانو رونالدو ۋاستىچىسى مېندىسكە ئۇچۇر قىلىپ، كونا ئائىلىسىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى، ھەمدە سودىنى تېزرەك تاماملاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كىرىستىيانو رونالدو مانچېستېر شەھىرى بىلەن بولغان سۆھبەتنى رەت قىلدى، 2013-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى، مانچېستېر شەھىرىگە يۆتكەنلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ ھەپتىدە بۇ سۆز بىر مەھەل گۇمانغا ئۇچرىغان، لېكىن ئۇ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن مانچىستىر شەھىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن چېكىنىپ چىقتى، ئۇلار مېندىسنىڭ بۇ ئىشىدىن قاتتىق غەزەپلەندى، لېكىن بۇ قىزىل ئالۋاستىنىڭ كىرىستىيانو رونالدونىڭ بىردىنبىر ئائىلە تەۋەلىكىگە ئايلىنىشىغا توسالغۇ بولمىدى.

يۆتكىلىش بازىرىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇ ئاسمان تەنتەربىيەسىنىڭ خەۋەرلىرىنىڭ ھەممىسى سۆھبەتنىڭ چوڭقۇرلىشىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى، ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقىنى، پورتۇگالىيەلىك گىگانت چولپاننىڭ كونا تېلافوردقا قايتىپ كېلىشىنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

مېندىس ناھايىتى تېزلا مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ توختام باھاسىنى تاپشۇرىۋالدى، كىرىستىيانو رونالدو ئىككى يىللىق توختام تۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مائاشى يوۋۋىنتۇستىكى باجدىن كېيىنكى 500 مىڭ يۈەنگە قارىغاندا زور دەرىجىدە كېمەيتىلگەن، پەقەت 270 مىڭ فوند ستېرلىڭ، يەنە بىر قاراشتا 480 مىڭ فوند ستېرلىڭ دېيىلگەن، بۇ بەلكىم باجدىن ئىلگىرىكى بىلەن باجدىن كېيىنكى پەرقنىڭ پەرقى بولۇشى مۇمكىن. مېندېسنىڭ ۋاستىچىسىنىڭ شېرىنكانىسىدىمۇ مەسىلە يوق. مانچىستىر بىرلەشمىسى ئارقىدىنلا يۇۋىنتۇسقا 23 مىليۇن ياۋرۇ (20 مىليۇن فونىستىرلىڭغا يېقىن) باھا قويغان بولۇپ، كونكرت 15 مىليۇن ياۋرۇ مۇقىم سومما، يەنە 8 مىليۇن لەيلىمە ماددا قوشۇلغان. سوممىسى كۆپ ئەمەس، لېكىن مانچىستىر شەھرىدىن ئاكتىپ ئىدى ، چۈنكى شەھەر رونالدو بىلەن ئىزچىل ھەقسىز توختام ئىمزالىماقچى بولغان.

مانچېستېر بىرلەشمىسى ئورگان تورىدا كرىستىيانو رونالدونىڭ كوماندىغا قايتقانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى كرىستىيانو رونالدونىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى مانچېستېر شەھىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار خەۋىرى پۇتبول دۇنياسىنى قاپلىغان. بىراق مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ رونالدونى قوشۇۋېلىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولدى، ئۇلار بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى 20:49دا رونالدونى قوشۇۋېلىش سودىسىغا قوشۇلغانلىقى ئاشكارىلاپ، 23:51دە ئورگان تورىدا رونالدونى قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇ يۆتكىلىش سودىسىنى ئۈچ سائەتتىلا تاماملاپ بولدى.


كىرىستىيانو رونالدو 12 يىلدىن كېيىن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ، ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويدى، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققاچقا، بۈگۈنكى كۈندە پورتۇگالىيەلىك توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىرىستىيانو رونالدو ۋىزا، ئەمگەك كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ئاندىن سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئارقىلىق مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ئىمزا قويۇپ، مانچېستېر شەھىرىگە قايتىپ كېلەلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، مانچېستېر بىرلەشمىسى ئاللىقاچان سالامەتلىك تەكشۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ بولغان بولۇپ، پورتۇگالىيە لىسبوندا ئۇنىڭ ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. ۋىكونت بەلكىم ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئۆيىگە قايتىش مۇراسىمىدا پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

كېرىتىستىيانو رونالدو تېخى بايىلا توردا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق يۇۋېنتۇس بىلەن خوشلاشتى: بۈگۈن مەن بىر ئۇلۇغ كۇلۇبتىن ئايرىلدىم، ئۇ ئىتالىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۇلۇب، شۇنداقلا پۈتۈن ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ كۇلۇبلارنىڭ بىرى، مەن يۇۋېنتۇس ئۈچۈن قەلبىم ۋە روھىمنى سەرپ قىلدىم، مەن تاكى ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە بۇ شەھەرنى مەڭگۈ سۆيىمەن.

يوۋۋېنتۇس مەستانىلىرى مېنى ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلدى، مەنمۇ ھەر بىر مەيدان، ھەر بىر مۇسابىقە پەسلى، ھەر بىر تۈرلۈك مۇسابىقىدە بۇ ھۆرمەتلەرگە رەھمەت ئېيتىشقا تىرىشىمەن. ئاخىرىدا بىز شۇنى ئەسلەيمىزكى، بىز نۇرغۇن ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالىدۇق، گەرچە پۈتۈنلەي ئارزۇيىمىزغا يېتەلمىسەكمۇ، ئەمما بىز بىرلىكتە گۈزەل سەھىپىلەرنى يېزىپ چىقتۇق.چۈنكى مەن سىزگە تەۋە. ئىتالىيە، يۇۋىنتىس، تورىن، تاغىل ئاتلار مەڭگۈ مىنىڭ قەلبىمدە.

   

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كرىستىيانو رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتقاندىكى ئاساسىي يۆتكىلىش سوممىسى 15 مىليون ياۋرو (114 مىليون 556 مىڭ 500 يۈز خەلق پۇلى) بولۇپ، يەنە سەككىز مىليون ياۋرو (61 مىليون 96 مىڭ 800 يۈز خەلق پۇلى) قوشۇمچە مۇكاپات سوممىسىمۇ بار ئىكەن.

سولسىكيار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندا كرىستىيانو رونالدونى تازا ماختىغان، بۇ ئىككىيلەن ئىلگىرى مانچېستېر بىرلەشمىسىدە تۆت يىل بىرگە توپ تەپكەن، ئۇ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ترېنېر بولغاندىن باشلاپ كرىستىيانو رونالدو بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرغان، سولسىكيار كرىستىيانو رونالدونىڭ تەجرىبىسىنىڭ كوماندىدىكى ياش توپچىلارغا ياردىمى تېگىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.

كرىستىيانو رونالدو تەرەپكە كەلسەك، ئۇ يۇۋېنتۇستا مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ بولدى، شۇڭا يۇۋېنتۇستىن ئايرىلىشنى تاللىغان. ئۇنىڭدىن باشقا مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ كوماندىنىڭ ئەسلىدىنلا تېگىشلىك بولغان ئورۇنغا قايتىشىغا ياردەم قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. «قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى» مەستانىلىرىنىڭ كرىستىيانو رونالدوغا ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىقىمۇ ئۇنىڭ كونا تراففورد توپ مەيدانىغا قايتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

يۇقارقىلاردىن باشقا گەرچە كرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ كوماندىدىكى يەنە بىر پېشقەدەم توپچى كاۋانىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن، مانچېستېر بىرلەشمىسى كېيىنكى قەدەمدە ئامال قىلىپ مەبلەغ توپلاپ كرىستىيانو رونالدونىڭ مائاشىنى تۆلىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كوماندىغا يېڭىدىن قوشۇۋالغان سانچو، ۋارانې قاتارلىق توپچىلارنىڭ ھېساباتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى كېرەك.



كىرىستىيانو رونالدونىڭ كىيمىنى كۆيدۈرىۋەتكەن مەستانىلەرمۇ پۇشايمان قىلماي، پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپاننىڭ رىۋايەتلىك يېڭى كىيىمىدىن يەنە بىرنى سېتىۋالسىلا بولىدۇ! بىردىنبىر ھەل بولماي كېلىۋاتقان ئىش شۇكى، قايتىپ كەلگەن كىرىستىيانو رونالدو قايسى نومۇرنى كىيىدۇ؟ مانچىستىر بىرلەشمىسىدىكى 7-نۇمۇرلۇق كىيىم كاۋانىغا تەۋە، 9-نۇمۇرغا بولسا مارشال ئامراق.

مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ پۇتۇنلەي بوش قالغان كىچىك نۇمۇرلىرى پەقەت 12 -نۇمۇر ۋە 24- نۇمۇر، ئىجارىگە بەرگۈچى توپچىلار قالدۇرغان نۇمۇرلار بولسا 15 نۇمۇر، 28 نۇمۇر قاتارلىقلار، 30، 32، 33، 35، 36، 37، 38، 40 قاتارلىق چوڭ نۇمۇرلارنىمۇ تاللىغىلى بولىدۇ.

ئەينى يىلى پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسى يولغا چىققاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسىنى بويسۇندۇرغان ئاشۇ مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە، كىرىستىيانو رونالدو 28-نومۇرلۇق جەڭ كىيىمىنى كىيگەن. ئۇ 12 مىليون 200 مىڭ فونىستىرلىڭ بىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسىگە يۆتكەلگەندىن كىيىن، فېرگوسىنغا بۇ نۇمۇرنى داۋاملىق كىيىشنى تەلەپ قىلغان، لىكىن بوۋاي ئۇنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ: "" ياق بالام، مانچىستىر بىرلەشمىسىدە سىز 7-نۇمۇرنى كىيەرسىز "" دىگەن. »

ئەگەر كىرىستىيانو رونالدو 28-نومۇرنى قايتا   كىيىشنى تاللىسا، خۇددى مېسسى پارىژ سانت گېرمان كوماندىسىغا قوشۇلغاندىن كېيىن يولغا چىقىشنى تاللىغان ۋاقىتتىكى 30-نومۇرغا ئوخشاش، پۇتبول مۇنبىرىدىكى قىزىق تېمىغا ئايلىنىدۇ. 28-نۇمۇر غەربىي ئا ئالاۋىسقا ئىجارىگە بېرىلگەن ئۇرۇگۋايلىق يان ھۇجۇمچى فاكۇندو پىرىستىرغا تەۋە بولۇپ، ئۇ چوقۇم ئارقا نۇمۇرنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قارشى تۇرمايدۇ.

2003-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە، كىرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۈچۈن 292 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 118 توپ كىرگۈزۈپ، ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى، دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ھازىر، رىۋايەتنىڭ داۋامى پات ئارىدا قويۇلىدۇ. ئۆتكەن ۋاقىت كەلمەسكە كەتتى، لېكىن كىرىستىيانو رونالدونىڭ قايتىپ كېلىشى، مانچېستىر بىرلەشمىسى چوڭ ئائىلىسىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ياشلىق باھارىنى قايتۇرۇپ كەلگەندەك قىلدى!


كىرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلدى، گەرچە بۇ ئىش يېرىم كېچىدە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، بىراق پورتۇگالىيەلىك گىگانت چولپاننىڭ تەسىر كۈچى كىشىنى بەك ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇنىڭ خەۋىرى مانچېستېر بىرلەشمىسى ئورگان تورىنى بىر مەھەل ۋەيران قىلغان بولۇپ، ھازىر بۇ خەۋەر پۈتۈن دۇنيا قىزىق نوقتىسىدا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ!


مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ مەشقاۋۇلى سولسىكىيا تۇنجى بولۇپ بايانات ئېلان قىلىپ، كىرىستىيانو رونالدونى تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى دەپ تەرىپلىدى!

مانچىستىر بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ كىرىستىيانو رونالدونىڭ قايتىپ كەلگەنلىك خەۋىرى، بىر سائەتتە ئېرىشكەن يۈرەك   نەتىجىسى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. ھەمدە مانچىستىر بىرلەشمىسى ئورگان تورى زىيارەت قىلىدىغان ئادەم بەك كۆپ بولغاچقا بىر مەھەل ۋەيران بولۇپ، پەقەتلا ئېچىلالمىدى.

گەرچە كىرىستىيانو رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلۇشى يېرىم كېچىدە يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا كىرىستىيانو رونالدو دەل قىزىق نوقتىدا بىرىنچى بولۇپ تۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تەسىر كۈچىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

رونالدو قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ قىز دوستى جورجىنامۇ ناھايىتى ھاياجانلاندى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى، خانلىق مادرىد بىلەن كىرىستىيانو رونالدو ھەققىدە خەۋەر   پەيدا بولدى، ئەنچىلوتى بىرىنچى بولۇپ ئىغۋاغا رەددىيە بەردى، « كىرىستىيانو رونالدو خانلىق مادرىدتىكى رىۋايەتلىك شەخس، مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بار، لېكىن مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ بىلەن قايتا توختامغا ئىمزا قويۇشنى ئويلىشىپ باقمىدىم. بىز ئالدىمىزغا قارىشىمىز كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە، جورجىنا قىزىقچىلىق قىلىپ، ئەنچىلوتتىنىڭ ئەمدى بۇ سۆزىنىمۇ ئىنكار قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى.

سولسىكىيا تۇنجى بولۇپ رونالدونى ماختاپ: « ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى، بىز ئەلۋەتتە ئۇنى كوماندىغا قوشۇۋالماقچى» دېدى. ».

بۇ يازلىق كۆزنەك، مانچىستىر بىرلەشمىسى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ سانچو، ۋارانى، كىرىستىيانو رونالدودىن ئىبارەت 3 چوڭ چولپان بىلەن توختاملاشتى، كوماندىنىڭ سەپ شەكلى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، يېڭى پەسىلدەمانچىستىر شەھىرى، چېلسى بىلەن ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى چىمپىيونلىقىنى تالىشىدۇ!

كىرىستىيانو رونالدو ئەڭ تېز بولغاندا كېيىنكى ئاينىڭ 11-كۈنى مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى مۇسابىقىسىنى تاماملايدۇ، رەقىبى سېغىزخان قوشۇنى نېۋكاستل. مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ كىيىنكى مەيدان مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى ئەتە بۆرە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئارقىدىن خەلقارالىق مۇسابىقە كۈنىنى كۈتىۋالىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى MVP، كىرىستىيانو رونالدو ئاللىقاچان ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئەلۋەتتە، كىرىستىيانو رونالدو يەنىلا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كەسپىي ھاياتى بۈگۈنگە قەدەر، كىرىستىيانو رونالدو 5 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى بولدى، مېسسىدىن كۆپ!

07/08 مۇسابىقە پەسلىدە، كىرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئارقىدىن 13/14 مۇسابىقە پەسلى، 15/16 مۇسابىقە پەسلى، 16/17 مۇسابىقە پەسلى ۋە 17/18 مۇسابىقە پەسلىدە تۆت قېتىم خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىرىستىيانو رونالدو 134 توپ بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ تارىخىي مەرگەنلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇ پەسىل ئۇزغۇنلۇقتا، مانچىستىر بىرلەشمىسى، ۋىللا رىئال، ئاتلانتا، بېرن ياشلىرى بىلەن بىر گورۇپپىدا بولىدۇ.

---------------

ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى تەييار قىلدى ، رۇخسەتسىز كۆچۈرگۈچىلەر پاش قىلىنىدۇ

---------------

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

翻译:阿米娜(爱酷艺)

编制:张伟