رونالدو: تىرېنېر ۋە بەزىلەر مېنى كەتكۈزۈۋەتمەكچى، مەن ئاسىيلىققا ئۇچىرىغاندەك ھېس قىلدىم

ئەلكۈيى تورى
2022-11-14
来源:جىبوبا تورى

2.gif

يېقىندا، رونالدو پىرس مورگاننىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، زىيارەتتىكى ئۆتكۈر سۆزلەر رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىيالايدۇ.

تۆۋەندىكىسى زىيارەتنىڭ بىر قىسىم بۆلەكلەر

سۇئال: بىرى سىزنى كېتىشكە مەجبۇرلىماقچىمۇ؟

رونالدو: شۇنداق، تىرېنېرلا ئەمەس، كۇلۇبتىكى باشقا ئىككى-ئۈچ ئادەممۇ بار.

سۇئال: باشقۇرۇش قاتلىمىمۇ؟

رونالدو: شۇنداق، مەن ئۆزۈمنى ئاسىيلىققا ئۇچىرىغاندەك ھېس قىلدىم.

سۇئال: ئۇلار سىزنى كەتسۇن دەمدۇ؟

رونالدو: ئەستايىدىللىق بىلەن ئېيتقاندا مەن بىلمەيمەن، مەنمۇ پەرۋا قىلمايمەن، لېكىن مەن ئۆزۈمنى ئاسىيلىققا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىمەن. بۇ يىللا ئەمەس، ئۆتكەن يىلىمۇ شۇنداق بولدى.

تېنخاگ توغرىسىدا

رونالدو: مەن تېنخاگنى ھۆرمەتلىمەيمەن، چۈنكى ئۇ مېنى ھۆرمەتلىمەيدۇ. ئەگەر سىز مېنى ھۆرمەت قىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا مەن مەڭگۈ سىزنى ھۆرمەت قىلمايمەن.

راڭنىك توغرىسىدا

رونالدو: ئەگەر سىز تىرېنېرمۇ ھېسابلانمىسىڭىز، مانچېستېر بىرلەشمىسىنى قانداق باشقۇرىسىز؟ مەن ھەتتا ئىلگىرى ئۇنى ئاڭلاپ باقمىغان.

رۇنېي توغرىسىدا

رونالدو: ئۇنىڭ نېمىشقا مېنى بۇنداق تەنقىدلەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئۇ چېكىنگەچكە مەن يەنىلا يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرنى ئويناۋاتىمەن، مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن ياخشى دېمەيمەن، لېكىن بۇ ئەمەلىيەت.

رونالدو: «سېر فېرگۇسون كەتكەندىن كېيىن، مەن كۇلۇبتا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى كۆردۈم. مەن (تۇنجى قېتىم) كەتكەندىن كېيىن، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، چېنىقىش ئۆيى ھەتتا مەن ياخشى كۆرىدىغان ئاشپەزلەر، سۆيۈملۈك كىشىلەر، مەن ئىلگىرى يېڭى ئۇل ئەسلىھە ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كۆرۈشىم مۇمكىن دەپ ئويلىغان، مېنىڭ كۆرگىنىم 20-23 ياش ۋاقىتلىرىمدىكى نەرسىلەر.

مەن كۆڭلۈمدىكى ئويغا بويسۇنىمەن، سېر فېرگۇسون ئەينى ۋاقىتتا ماڭا <سەن مانچېستىر شەھىرىگە بارمايسەن> دېدى، مەن <ياخشى مەشقاۋۇل (خوجايىن)> دېدىم.

ئۇ (سېر فېرگۇسون) كۇلۇبنىڭ مېڭىشقا تېگىشلىك يولدا ماڭمىغانلىقىنى باشقىلاردىن ياخشى بىلىدۇ، ئۇ بىلىدۇ، ھەممە ئادەم بىلىدۇ. بۇنى كۆرەلمەيدىغانلار كۆرۈشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئەما بولۇپ قالىدۇ.

مېنىڭچە توپ مەستانىلىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشى كېرەك، مەن كۇلۇب ئۈچۈن ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايمەن، مانا بۇ مېنىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە كېلىشتىكى سەۋەبىم، لېكىن بەزى <ئىچكى> نەرسىلەر بىزنىڭ مانچېستېر شەھىرى، لىۋېرپول ھەتتا ھازىرقى ئارسېنالنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يېتىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

خۇددى پىكاسسو ئېيتقاندەك، سىز ئۇنى ۋەيران قىلىۋەتسىڭىز ئاندىن قايتا قۇرۇپ چىقالايسىز (رەسىم سىزىش بولسا بۇزغۇنچىلىقنىڭ بىرىكمىسى)، ئەگەر ئۇلار مەندىن باشلىسا، بۇ مەسىلە ئەمەس. مەن مانچېستېر بىرلەشمىسىنى ياخشى كۆرىمەن، مەن توپ مەستانىلىرىنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇلار دائىم مەن بىلەن بىللە تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئوخشىمىغان ئىشلارنى قىلماقچى بولسا، چوقۇم نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، توپ مەستانىلىرى ھەممىسى بار، بۇ دەل مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتنى قوبۇل قىلىشىمدىكى سەۋەب، مېنىڭچە ھازىر مېنىڭ ئۆز كۆز قارىشىمنى ئىپادىلەيدىغان مۇۋاپىق پەيت.»

4-ئايدا، كىرىستىيانو رونالدونىڭ قوش كېزەك بالىسىنىڭ بىرى قازا قىلدى، ئۇ داۋاملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇنىڭ بىر سەۋەبى ئۇنىڭ لىۋېرپول مەستانىلىرىدىن ئېرىشكەن قوللىشىدىن كەلگەن (ئەنفىلد توپ مەيدانىنىڭ 7-مىنۇتىدا كىرىستىيانو رونالدوغا مەدەت بەرگەن). رونالدو ئېتىراپ قىلىپ: «بۇلارنى كۆرۈشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.» دېدى. ئارقىدىن ئۇ ۋە جورجىنا يەنە خان جەمەتىدىن كەلگەن شەخسىي تەزىيە بىلدۈرۈشنى تاپشۇرۇۋالدى، بۇ ئۇنى ھەيران قالدۇردى ھەم تەسىرلەندۈردى.

رونالدو يەنە مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئائىلەم مەن ئۈچۈن ھەممە نەرسە. بىز بۇ بىر يىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تېخىمۇ شۇنداق بولدى.»

رونالدو يەنە نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ كۇلۇب ۋە توپ مەستانىلىرى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، رونالدو: «توپ مەستانىلىرى پۇتبولنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى، سىز ئۇلار ئۈچۈن توپ تېپىۋاتىسىز. ئۇلار دائىم مېنىڭ ئارقامدىن مېنى قوللايدۇ. ھەر قېتىم كوچىغا چىقسام، توپ مەستانىلىرى يوپۇرۇلۇپ كېلىدۇ، ئۇلار مېنىڭ پۇتبول ئۈچۈن قىلغانلىرىمغا ھەۋەس قىلىدۇ. مەن ئۈچۈن توپ مەستانىلىرى بارلىقىم، بۇ مېنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ سەۋەبى، چۈنكى مەن ھازىر ئويلىغانلىرىمنى ئىپادىلەيدىغان مۇۋاپىق پەيت دەپ قارايمەن.»

لېكىن ئۇ كۇلۇبنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن، ئۇ كۇلۇبنى «كۆيۈمچانلىقى» كەمچىل دەپ ئەيىبلىگەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۈچ ئايلىق بولغان قىزى 7-ئايدا دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغۇسى بار بولۇپ، پەسىلدىن بۇرۇنقى مەشىققە ۋاقتىدا قاتنىشالمىغان.