رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىدە قېلىشتىن باشقا تاللىشى قالمىغان بولۇشى مۇمكىن

爱酷艺体育
2022-07-26
来源:直播8

ياۋروپادىكى كۆپلىگەن تەنتەربىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل يازدا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلماقچى بولغان كىرىستىيانو رونالدو داۋاملىق ھالدا مانچېستېر بىرلەشمىسىدە قېلىپ توپ تېپىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، كىرىستىيانو رونالدو قوشۇلماقچى بولغان كوماندىلار خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنى قوشۇۋېلىشنى خالىمايدىكەن. بۇنداق نەتىجە ھەقىقەتەن كىشىنى ئامالسىز قالدۇرىدۇ، كەسپىي پۇتبول مانا مۇشۇنداق رەھىمسىز، كرىستىيانو رونالدومۇ ئەمدى زەردار كوماندىلارنى جەلپ قىلالمىدى.

ئالدىنقى پەسىل مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، رونالدونىڭ ئارزۇسىمۇ تولۇق ئەمەلگە ئاشمىغان. شۇڭا ئۇنىڭدا كوماندىدىن ئايرىلىش ئويى پەيدا بولغان، لېكىن ياش مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، ھازىرقى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ياۋروپادىكى يۇقىرى دەرىجىلىك زەردار كوماندىلار ئىچىدە ئاساسەن دېگۈدەك ھېچكىمنىڭ كارى بولمىغان.

رونالدونىڭ ۋاستىچىسى مېندېسنىڭ بارلىق ئاماللىرىنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا رونالدونى «مۇۋەپپەقىيەتلىك ساتالمىدى»! چېلسىدىن بايرېن مىيۇنخېنغىچە، مانچېستېر شەھىرىدىن مادرىد ئاتلېتكىغىچە، بۇ يىل يازدا رونالدونى «قوشۇۋېلىشتا ئۈمىد بار» دەپ قارالغان بۇ كوماندىلار ئاخىرىدا رونالدونى ئەپچىللىك بىلەن رەت قىلدى. گەرچە پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش ئورنى بولسىمۇ، لېكىن كىرىستىيانو رونالدومۇ پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسىگە قايتىپ توپ تېپىشنى خالىمايدۇ، ئۇ پەقەت بەش چوڭ بىرلەشمىدە قېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

يېقىندا تۆۋەن دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى بىر كۇلۇب كىرىستىيانو رونالدونى دۇنيادىكى بىرىنچى يۇقىرى مائاش بىلەن كوماندىسىغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ كوماندا ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن، گەرچە ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ داڭلىقلىق دەرىجىسىنى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن نېمىلا دېگەن بىلەن چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياۋروپادىكى زەردار كوماندىلارغىلا ئىنتىلىدىغان رونالدونى قانداقمۇ پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى بولسۇن.

رونالدونى پۈتۈن ياۋروپادىكى زەردار كوماندىلار دېگۈدەك رەت قىلغاندىن كېيىن، بىردىنبىر يول دەل داۋاملىق مانچېستېر بىرلەشمىسىدە توپ تېپىش بولۇپ قالدى، رونالدونىڭ پۈتكۈل كەسپىي ھاياتىدا سان-ساناقسىز شان-شەرەپ ۋە رېكورتلار بارلىققا كەلگەن، لېكىن ئاياغلاشمايدىغان سورۇن بولمىغاندەك، ھەممە ئادەمنىڭ قېرىيدىغان كۈنى بولىدۇ، ھەممە ئادەم ھازىرقى ئۆزىنى قوبۇل قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.