تۇنجى شاللانغان كوماندا بارلىققا كەلدى! ھايتى مۇددەتتىن بۇرۇن شاللىنىپ كەتتى

2026-06-20
来源:

دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە ھايتى 0:3 نەتىجە بىلەن بىرازىلىيەگە يېڭىلىپ قالدى، ئۇدا ئىككى قېتىم يېڭىلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن شاللىنىپ كەتتى، ھايتى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا تۇنجى قېتىم گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ كەتكەن كوماندا بولۇپ قالدى.

C گۇرۇپپىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدىن كېيىن ماراكەش بىرازىلىيە 4 نومۇر ئالدى، شوتلاندىيە 3 نومۇر بىلەن 3-بولدى، ھايتى 0 نومۇر بىلەن ئارقىدا قالدى. ئاخىرقى ئايلانمىدا شوتلاندىيە برازىلىيە بىلەن، ھايتى ماراكەش بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

تۇنجى ئايلانمىدا ھايتى 0-1 شوتلاندىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولغاچقا، ھايتى شوتلاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلمىدى. گەرچە ئاخىرقى ئايلانمىدا ھايتى ماراكەشنى ئۇتۇپ، شوتلاندىيە بىرازىلىيەگە ئۇتتۇرۇپ قويىشى مۇمكىن دەپ قارىساقمۇ ئىككى كوماندا ئوخشاشلا ئۈچ نومۇرغا ئېرىشكەن ئەھۋالدا ھايتى يەنىلا ئارقىدا قالىدۇ، شۇڭا مۇددەتتىن بۇرۇن شاللىنىپ كېتىشى مۇقۇملىشىپ بولدى.

بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە مىكسىكا بىلەن ئامېرىكا مۇددەتتىن بۇرۇن كوماندىدىن چىقتى، ھايتى مۇددەتتىن بۇرۇن شاللىنىپ كەتتى. ئەلۋەتتە مۇددەتتىن بۇرۇن شاللانغان يەنە بىر كوماندىمۇ بار.

ھايتى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 52 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، كوماندا تارىخىدا 2-قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. 1974-يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ھايتى پولشا، ئارگېنتىنا، ئىتالىيە بىلەن بىر گۇرۇپپىدا بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇدا ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولۇپ شاللىنىپ كەتكەن.