رونالدو: بەدەن ھالىتىم ناھايىتى ياخشى، چېمپىيونلۇققا ئېرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن

ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
2026-06-13
来源:جىبوبا توررى

بۈگۈن رونالدو پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىدىن ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، بازىدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا

رونالدو: بۇرۇنقىدەكلا، ئۈمىدكە تولغان. بىز بۇنىڭ بىر ئالاھىدە مۇسابىقە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىز زور ئۈمىد بىلەن جەڭگە ئاتلاندۇق. بەدەن ھالىتىمىز ناھايىتى ياخشى، مۇسابىقە كۆرمىدىڭلارمۇ؟ مېنىڭچە مېنىڭ ھالىتىم يامان ئەمەس، بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.

چېمپىيونلۇقنى تالىشىش توغرىسىدا

رونالدو: پەقەت ئەڭ ئاخىرىدا ئاندىن جاۋابىنى بىلەلەيمىز. بۇ بىر ئەۋلاد ئىنتايىن مۇنەۋۋەر توپچىلار، لېكىن بەزى ئامىللارنى بىز كونترول قىلالمايمىز. مەن بۇنىڭ كىشىلەرگە نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلەيدىغان بىر ئەۋلاد توپچى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

تەييارلىق خىزمىتى توغرىسىدا

كىرىستىيانو رونالدو: خۇددى مەن ئېيتقاندەك، تەييارلىق خىزمەتلىرى ناھايىتى تولۇق، ھەم جاپالىق. نورمال ئەھۋالدا، بۇ ئىككى مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە بىز ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە بولماسلىقىمىز مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى مۇسابىقە رەسمىي باشلانغاندا ئاندىن ھالىتىمىزنى بىلەلەيمىز.

دۇنيا لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش پۇرسىتى توغرىسىدا:

كىرىستىيانو رونالدو: بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتىمىز. مەن چېمپىيون بولىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. لېكىن بۇ نۇرغۇن ئامىللارغا باغلىق. مەن ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىنتايىن ئۈمىدۋار. لېكىن مەن ئېيتقاندەك، ئەڭ مۇھىمى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىنى ياخشى ئويناپ، ئىككىنچى مەيدان، ئۈچىنچى مەيدان مۇسابىقىنى ئويناپ، گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولۇش. ئاندىن، بىر مەيدان بىر مەيداندىن ئەھۋالنى كۆرۈشىمىز كېرەك، مەن چوقۇم بىر قەدەم بىر قەدەمدىن سوغۇققان بولۇش كېرەك دەپ قارايمەن. ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، رىتىم تېپىش، مېنىڭچە بۇ ئەڭ ياخشى ئۇسۇل.