شىنجاڭنىڭ 2026-يىللىق بايراملىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

alkuyi爱酷艺
2025-12-26
来源:中央广播电视总台

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2026-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى تەڭشەش كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا مۇنداق ئۇقتۇرۇش چىقاردى:


1. يېڭى يىلدا 1-يانۋار (پەيشەنبە)دىن 3-يانۋار (شەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 4-يانۋار (يەكشەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.

2. چاغان: 15-فېۋرالدىن 23-فېۋرالغىچە جەمئىي توققۇز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 14-فېۋرال (شەنبە)، 28-فېۋرال (شەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.

3. 21-مارت (شەنبە) ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئادەتلەنگەن بايرىمى روزا ھېيت. 20-مارت (جۈمە)دىن 22-مارت (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

4. چىڭمىڭ بايرىمى: 4-ئاپرېل (شەنبە)دىن 6-ئاپرېل(دۈشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

5. ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 1-ماي (جۈمە)دىن 5-ماي (سەيشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 9-ماي (شەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.

6. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئادەتلەنگەن بايرىمى قۇربان ھېيت: 27-ماي (چارشەنبە)دىن 31-ماي (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

7. دۈەنۋۇ بايرىمى: 19-ئىيۇن (جۈمە)دىن 21-ئىيۇن (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

8. جۇڭچيۇ بايرىمى: 25-سېنتەبىر (جۈمە)دىن 27-سېنتەبىر (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

9. دۆلەت بايرىمى: 1-ئۆكتەبىر (پەيشەنبە)دىن 7-ئۆكتەبىر (چارشەنبە)گىچە جەمئىي يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 20-سېنتەبىر (يەكشەنبە)، 10-ئۆكتەبىر (شەنبە) خىزمەت كۈنى بولىدۇ.