ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالىدا كىنو كۆرۈش بېلىتىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى كۆرسەتمىسى
(بېلەت دېگىنىمىز مەلۇم بىر كىنونى ئايرىم سېتىۋېلىپ كۈرۈشكە ئىشلىتىدۇ،سىزدە بېلەت بولسىلا كۆرمەكچى بولغان كىنو ياكى تىياتىرنى ئېچىپ كىتىدىغان بېلەت سانى بويىچە بېلەت كۆرسىتىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ)

تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
ئالدى بىلەن بېلەت سېتىۋالىسىز (سېتىۋالغان بېلەتنى خالىغان فىلىمگە ئىشلەتكىلى بولىدۇ،بىر قېتىملا ئىشلەيدۇ) – كۆرمەكچى بولغان فىلىمنى تاللاش − «بېلەت ئىشلىتپ كۆرۈش»نى چېكىش −بۇيەرنى بېسىپ سېتىۋالغان بېلەتتە كۆرۈشنى باسسىڭىز بولىدۇ. − بېلەت ئىشلىتىلىپ بولغان بولسىڭىز ، بېلەت قالمىغان بولسا يەنە سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.ناۋادا سىز بېلەت سېتىۋالغان ئەمما ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ:

ئەمدى بېلەت ئارقىلىق كۆرۈشنى چەكسىڭىز بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ ،شۇ يەرگە ياخشى قاراڭ:

ئىككىنچى، تەپسىلىي قەدەم-باسقۇچلار (ئۈچ قەدەم بويىچە ھەل قىلىش)
بىرىنچى قەدەم:كىنو كۆرۈش بېلىتى سېتىۋېلىش
«بېلەت سېتىۋېلىش»بېتىنى ئېچىپ، يۈرۈشلۈك بېلەتلەرنى سېتىۋالسىڭىز سىزنىڭ ئاكۇنتىڭىزدا ساقلىنىدۇ،بېلەت بىلەن ئالىي ئەزالىق بىر ئۇقۇم ئەمەس.پۇل تۆلەش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، بېلەت دەرھال ھېساباتقا كىرىدۇ؛
بېلەت دېگەننى چەكسىڭىز ئۈستىدە سىزدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان بېلەت سانى چىقىپ تۇرىدۇ:ئىشلىتىشكە بولىدىغان بېلەت سانى ،ئىشلەتكەن بېلەت سانى ئېنىق چىقىپ تۇرىدۇ، بېلەت سانى ۋە كۈچكە ئىگە مۇددىتىنى تەكشۈرۈپ بېلەلەيسىز.
2-قەدەم: سېتىۋالغان بېلەت بىلەن كىنو تاللاپ كۆرۈش
كۆرمەكچى بولغان فىلىمنى تېپىپ، چېكىپ قويۇڭ؛
ئەگەردە بىردەم قويۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ، بۇ فىلىمنى بېلەت سېتىۋېلىوپ ياكى ئالىي ئەزا بولۇپ كۆرەلەيسىز »دەپ ئەسكەرتىلسە، ئاستىدا سىزدە بار بېلەت سانى چىقىدۇ ،ئىشلىتىپ بولغان بولسىڭىز 0 بولمىسا ئىشلىتىشكە بولىدىغان بېلەت سانىڭىز كۆرىلىدۇ.
قويغۇچنىڭ ئاستىدىكى «بېلەتتە كۆرۈش »كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ؛
سىستېما «ئىشلىتىلمىگەن»ھالەتتىن بىر بېلەتنى زىدوڭ ھالەتتەئازايتىدۇ، فىلىمنىڭ قۇلۇپى دەرھال ئېچىلىدۇ؛
بېلەت كۈچكە ئېگە ۋاقتىدا قايسى كىنوغا بېلەت ئىشلەتكەن بولسىڭىز شۇ كىنونى داۋاملىق قايتا-قايتا كۆرەلەيسىبز! بۇ فىلىمنى تاكى بېلەت ۋاقتى توشقانغا قەدەر قايتا-قايتا كۆرگىلى بولىدۇ.
3-قەدەم : سېتىۋالغان بېلەتنى تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇش
ئەپنىڭ مېنىڭ دېگەن جاينى چەكسىڭىز ئەڭ ئۈستىدە بېلەت دەپ بىر ئورۇن بار ، شۇ خەت ئۈستىدە سىزدە بار بېلەت سانى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.بېلەت دېگەن خەتنى چەكسىڭىز كۆرۈش بېلىتى سېتىۋېلىش ، كۆرۈش بېلىتىم دىگەن خەتلەردىن بېلەت سېتىۋالالايسىز ۋە سېتىۋالغان بېلەتلىرىڭىزنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ياكى ئىشلەتمىگەن بېلەتلەرنى كۆرەلەيسىز!
زاكاسلىرىم دېگەن جايدا سېتىۋېلىش خاتىرىسى ،ۋاقتى ، پۇل تۆلەش ئۇچۇرلىرى ئېنىق خاتىرلىنىدۇ ،ھەممە ئۇچۇرنى مۇشۇ يەردىن كۆرەلەيسىز.
تورداشلارنىڭ كۆپ سورايدىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب:
بىرىنچى سۇئال: مەن بېلەت ئالدىم، نېمىشقا يەنە پۇل تۆلەڭ ياكى بېلەت ئىشلىتىپ دەپ چىقىدۇ ، ئېلىپ بولغۇچە كۆرەلمەيمەن؟
جاۋاب: بېلەت سېتىۋالغاندىن كىيىن سىزنىڭ ھېساباتىڭىزدا ساقلىنىدۇ، زىدوڭ ھالەتتە كىنوغا ئىشلىتىلمەيدۇ،قايسى كىنونى كۆرمەكچى بولسىڭىز شۇ كىنونىڭ رايونىغا كىرىپ،سېتىۋالغان بېلەتتە كۆرۈش ياكى بېلەت ئىشلىتىپ كۆرۈش كۇنۇپكىسىنى باسقاندىلا، بېلەت ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.ئاندىن شۇ بېلەت ئارقىلىق شۇ كىنونى كۆرەلەيسىز.
سۇئال:ئىشلەتمىگەن بېلەتنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتەمدۇ؟
جاۋاب: شۇنداق بولىدۇ. ئىشلىتىلمىگەن بېلەتنىڭ ۋاقتى مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ زىدوڭ بېكار قىلىنىدۇ،شۇڭا مېنىڭ دېگەن بەتتىن بېلەت دېگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ بېلەتلىرىڭىزنىڭ ۋاقتىنى كۆرۈپ تۇرۇڭ.
سۇئال:مەن كۆرمەكچى بولغان فىلىمگە ئىككى بېلەت كىتىدىكەن،بىراق مەندە پەقەت بىرلا بېلەت بار ، قانداق قىلىمەن؟
جاۋاب: بىر بېلەتنى ئىشلەتسىڭىز بۇ يەنە يەتمەيدۇ،ئالدى بىلەن يېتەرلىك بېلەت سانىنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن «بېلەت ئىشلىتىش»نى چېكىپ كىتىدىغان بېلەتنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.
سۇئال:بىر كىنوغا قانچە بېلەت كېتىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز،ھەممە كىنونىڭ بېلەت باھاسى ئوخشاشمۇ؟
جاۋاب:ھەممە كىنونىڭ باھاسى ئوخشاش ئەمەس، سىز كۆرمەكچى بولغان كىنونى قويغاندا، «بۇ فىلىمنى كۆرۈش ئۈچۈنئالىي ئەزا بولۇڭ ياكى بېلەت ئارقىلىق كۆرۈڭ ، كىتىدىغان بېلەت سانى مانچەبېلەت »دەپ ئېنىق كۆرۈنىدۇ ھەمدە نۆۋەتتىكى قالدۇق بېلەت سوممىڭىزنى ماس قەدەمدە كۆرسىتىدۇ.
تۆتىنچى، پۇل تېجەشنىڭ ئۇسۇللىرى
يېڭى مېھمانلارنىڭ ئەلكۈيى كىنو دىتالىغا تۇنجى كىرگەنلىكىنى قارشى ئېلىپ نۆۋەتتە تۇنجى قېتىم بېلەت سېتىۋالسا ھەر بىرى 0.99 يۈەندىن بەھرىمەن بولىدۇ،بۇ بېلەتنى پەقەت بىر قېتىملا سېتىۋېلىشقا بولىدۇ؛
بەزى كىنولار ئەزالارغىمۇ ھەقلىق بولۇپ،چۈنكى نەشىر ھوقۇقى تەرەپنىڭ تەلىپى شۇنداق بولغاچقا، ئالىي ئەزالار بېلەت سېتىۋالسا ،بېلەت سوۋغات قىلىنىدۇ.
يېغىنچاقلىغاندا ،بېلەت سېتىۋالغانلىقىڭىز،ئۇدۇللۇق كىنونى كۆرۈش ئەمەس ، بەلكى سېتىۋالغان بېلەتنى كۆرمەكچى بولغان كىنوغا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
بېلەتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بار، تېزدىن ئىشلىتىڭ!
بۇ مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بولۇپ يەنە سوئالىڭىز بولسا ، بىزنىڭ قىززىق لىنيە مۇلازىمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ ياكى 0991-8555525 نومۇرلۇق تېلفۇن ئارقىلىق شىنجاڭ ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالى بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلىشىڭ!