مىسسىنى ھېندىستانغا ئەكەلگەنلەرنى ساقچىلار تۇتۇپ كەتتى،پۇل قايتۇرىلىدۇ

ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
2025-12-13
来源:جىبوبا

غەربىي بېنگال ئىشتاتى ساقچىلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مېسسىنىڭ ھىندىستان سەپىرىدە كالكۇتا توپ مەيدانىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن، پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

20251213

مېسسىنىڭ كالكۇتتادىكى پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقان ۋەزىيەتكە قارىتا، غەربىي بېنگال ئىشتاتىنىڭ ساقچى باش نازارەتچىسى راجىف كۇمار مۇنداق بىلدۈردى:«توپ مەستانىلىرى ئۇنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشمىغانلىقى سەۋەبىدىن مەلۇم خىل غەزەپلىنىش ياكى تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى ئىپادىلىدى. ئەسلىدىكى پىلان ئۇ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈش، ئالاھىدە خادىملار بىلەن كۆرۈشۈپ دەرھال كېتىش ئىدى. نۆۋەتتە ھۆكۈمەت مەخسۇس كومىتېت قۇرۇپ، بارلىق ھالقىلارنى، جۈملىدىن مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپتە باشقۇرۇشتا بىپەرۋالىق قىلىش ياكى باشقا مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدۇ. مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپ يازما شەكىلدە ئالاقىدار تەرەپلەرگە سېتىلغان بېلەتنى قايتۇرۇشقا ۋەدە بېرىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ۋەزىيەت كونترول قىلىندى، بىز پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلىرىنى تۇتۇپ تۇردۇق.بىز ھەرىكەت قوللىنىپ، بۇ خىل باشقۇرۇش ياخشى بولمىغان قىلمىشلارنىڭ تېگىشلىك جازالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز».

مېسسىنىڭ كالكۇتتادىكى پائالىيىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقان ۋەزىيەتكە قارىتا، غەربىي بېنگال ئىشتاتىنىڭ قوشۇمچە باش نازارەتچىسى (ئامانلىق ساقلىغۇچى) جاۋىد شامىم مۇنداق بىلدۈردى:«جەزمەن تەرتىپنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، بۇ جەھەتتە بىر تەرەپ قىلىندى. قاتناش نورمال ئەسلىگە كەلدى، ئاممىنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتتى. بۇ ۋەقە تۇز كۆل تەنتەربىيە مەيدانىنىڭ قىسمەن دائىرىسىدە كونترول قىلىندى. بۇ بىر ئېغىر ۋەقە. بىز خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتىمىز ھەم بۈگۈنكى تۇز كۆل تەنتەربىيە مەيدانى ۋەقەسىدىكى مەسئۇل تەرەپنى جازالاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، ئالاقىدار مەسئۇل ئاپپاراتلارغا بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز، نۆۋەتتە تەرتىپ ئەسلىگە كەلدى. ئىككىنچى قىسمى تەكشۈرۈش خىزمىتى؛دەسلەپكى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا دېلو تۇرغۇزۇلدى، ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىلەر قولغا ئېلىندى. مەن كۆپچىلىككە شۇنى چۈشەندۈرىمەنكى، ئۇلار (تەشكىللىگۈچى تەرەپ) توپ مەستانىلىرىگە بېلەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەردى. بىز كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى نازارەت قىلىش قىلىمىز.