شىنجاڭ كوماندىسى ياخشى باشلىنىش قىلالامدۇ؟

2025-12-13
来源:

يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى CBA بىرلەشمىسى رەسمىي باشلاندى، باشلىنىش مۇراسىمىدىكى كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشىدا، گۇاڭشا ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى سەنشى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، يېڭى مۇسابىقە پەسلىنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى قولغا كەلتۈردى. كېيىنكى ئىككىنچى مۇسابىقە كۈنىدە جەمئىي ئالتە مەيدان مۇسابىقە بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا بېيكوڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا شەندوڭ كوماندىسى بىلەن، بېيجىڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا جياڭسۇ كوماندىسى بىلەن، شېنجېن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن، سىچۈەن كوماندىسى گۇاڭجۇ كوماندىسى بىلەن، لياۋنىڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا تيەنجىن كوماندىسى بىلەن، شىنجاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا فۇجيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ببۇ ئالتە مەيدان مۇسابىقە ئىچىدە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ CCTV+5 قانىلى بېيكوڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن شەندوڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ؛ گۇاڭدوڭ تەنتەربىيە قانىلى شېنجېن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن چىڭداۋ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ، باشقا بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن يەرلىك قاناللار بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.

بېيكوڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى VS شەندوڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى

بۇ مەيدان مۇسابىقىمۇ تۇنجى ئايلانمىدىكى قىززىق نۇقتىلىق مۇسابىقە بولۇپ، ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ. بىراق لوڭقا تالىشىش مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسىدىن قارىغاندا، شەندوڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئويناش ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىش بولغان، بولۇپمۇ چېن لىنجيەننى قوشۇۋېلىش مەشغۇلاتى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، كوماندىنىڭ نەچچە مۇسابىقە پەسلىدىكى تاشقى سەپتە توپ ئېتىش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ چەتئەللىك ماھىرنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، شەندوڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بېيكوڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ سەپ شەكلىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئاساسلىق سەپ شەكلىنى ئاساس قىلدى. چەتئەللىك ئەزا جەھەتتە، رىللېرنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، سىبۇرننىڭ توپ ئېتىش ئىقتىدارى مۇقىم ئەمەس، پېررى ئىچكى ۋە تاشقى سىزىقتا ئىقتىدارلىق.

ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچ پەرقى كۆرۈنەرلىك ئەمەس، بىراق بېيكوڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئىككى ئاساسلىق ئەزاسى زۇ يۈچېن بىلەن جۇ سۇڭۋېي مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، بۇ جاڭ چىڭپېڭنى تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ، كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ زور تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بۇنداق بولغاندا، شەندوڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى سەل چوڭ بولىدۇ.

جياڭسۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى VS بېيجىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسىي جەھەتتىن تەشۋىش يوق. جياڭسۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ياش توپچىلارنى ئاساس قىلغان كوماندا بولۇپ، ھۇجۇمدا ئاساسىي جەھەتتىن جارس، خانتېر ۋە ئېدۋاردس قاتارلىق ئۈچ چەتئەللىك ماھىرغا تايىنىدۇ. بىراق ئېدۋاردسنىڭ لوڭقا مۇسابىقىسىدە پۇتى يارىلانغاچقا، بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىش-قاتنىشالماسلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. بېيجىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى جەھەتتە، گەرچە جاۋ رۈي يارىلىنىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغان بولسىمۇ، لېكىن جوۋ چى بىلەن لېي مېڭ ھەر ئىككىسى مەيدانغا چىقىدىغان بولغاچقا، ئەمەلىي كۈچ ئەۋزەللىكى يەنىلا بىر قەدەر روشەن. ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بەرمىسە، بېيجىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

شېنجېن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى VS چىڭداۋ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كۆرۈش نۇقتىلىرى يەنىلا ناھايىتى كۆپ، ھەر ئىككى كوماندىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ناھايىتى ياخشى. چىڭداۋ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدا گەرچە ياڭ خەنسېن يوق بولۇپ، ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مىچ بىلەن ۋىسېرسپون ھەممىسى ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك چەتئەللىك ماھىرلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاڭ رۈيزېنى قوشقاندا، چىڭداۋ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئەمەس. شېنجېن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى جەھەتتە، پېشقەدەم ماھىر جوۋ پېڭنىڭ چېكىنىشى سەل كۆرۈنەرلىك بولدى، لېكىن ۋاڭ خاۋرەننىڭ ئىلگىرىلىشى بىر قەدەر تېز. ئۇنىڭ ئۈستىگە خې شىنىڭ ۋە كىچىك چەتئەللىك ئەزا سىمىسنىڭ شەخسىي ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، شېنجېن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جەڭگىۋارلىقىمۇ بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك.

تيەنجىن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى VS لياۋنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى

ئىلگىرىكى نۇرغۇن مۇسابىقە پەسلىدە، ئىككى كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچ پەرقى بىر قەدەر روشەن بولدى، شۇڭا لياۋنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ غەلىبە قىلىشىدا چوڭ گۇمان يوق ئىدى. لېكىن بۇ مۇسابىقە پەسلى ئوخشىمايدۇ، لياۋنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى خەن دېجۈن بىلەن جاڭ جېنلىندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاۋ جىۋېيمۇ يارىلىنىش سەۋەبىدىن مەيدانغا چىقمايدىغان بولغاچقا، كوماندىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ چېكىنىشى ناھايىتى روشەن بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر قانچە چەتئەللىك ئەزانىڭ كۈچى بولمىغاچقا، لياۋنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى CBA بىرلەشمىسىدە كۈچلۈك كوماندا بولالمايدىغان بولۇپ قالدى. تيەنجىن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى لياۋنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا سېلىشتۇرغاندا، مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى توپچىلار ياكى چەتئەللىك ماھىرلار جەھەتتە بولسۇن، ھەممىسىدە ئەۋزەللىككە ئىگە. بولۇپمۇ جامېستىن ئىبارەت بۇ نۇقتا لياۋنىڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى VS فۇجيەن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى (كەچ سائەت 20:00دە)

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىلگىرى CBA بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندا ئىدى، بىراق بۇ ئىككى مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى بىر قەدەر ئادەتتىكىچە بولدى، ئاساسلىقى چەتئەللىك ماھىرلارنىڭ كۈچى يېتەرلىك بولمىدى. يېڭى چەتئەللىك ئەزا نۇتال بىلەن لاۋسونمۇ ئالاھىدە قالتىس چەتئەللىك ماھىرغا تەۋە ئەمەس. فۇجيەن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن كوماندىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى، چەتئەللىك ئەزا تېرس ئىلگىرى شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ كونا توپچىسى ئىدى. كوماندىنىڭ ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى گەرچە بەلگىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن بەك بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا مەغلۇپ بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.

سىچۈەن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن گۇاڭجۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە كەلسەك، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھېچقانداق تەشۋىش بولماسلىقى مۇمكىن. سىچۈەن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى پۈتۈن بىرلەشمىدىكى بىردىنبىر يەرلىك توپچىلارنى ئاساس قىلىدۇ، گۇاڭجۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدا بولسا ئۈچ چەتئەللىك ئەزا بار. سىچۈەن ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى توپچىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك ئەمەس، گۇاڭجۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا ئانچە چوڭ قىيىنچىلىق تۇغدۇرماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا گۇاڭجۇ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى تۇنجى غەلىبىنى بىر قەدەر ئاسانلا قولغا كەلتۈرىدۇ.