شىنجاڭدا بوران چىقىدۇ! قاتتىق قار ياغىدۇ!

alkuyi
2025-12-12
来源:cnr


يېڭىدىن سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىردى. مۆلچەرلىنىشىچە، 21-نويابىر كېچىدىن 22-نويابىر كېچىگىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا شىۋىرغان چىقىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي شىنجاڭدا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ، شامال ئېغىزىدا شامال كۈچى 9~10 بالغا يېتىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قار بورىنى چىقىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.