يامال بۇ تۈردە مۇباپىيدىن ئېشىپ كەتتى

2025-12-11
来源:

ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى باسقۇچىنىڭ 6-ئايلانمىسىدا، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا فرانكفورت بىلەن مۇسابىقىلەشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يامال بىر ياردەمچى پاس چىقاردى، شۇنىڭ بىلەن يامال ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھاياتىدا 14 توپنىڭ كىرىشىگە بىۋاسىتە قاتناشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىباپپېدىن ئېشىپ 19 ياشتىن بۇرۇن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپنىڭ كىرىشىگە تۈرتكە بولغان توپچىغا ئايلاندى.


بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا فرانكفورت بىلەن مۇسابىقىلەشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 53-مىنۇتىدا يامال كوندېنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشىگە ياردەمچى پاس چىقىرىپ، بارسېلونانىڭ 1:2 نەتىجە بىلەن تەتۈر ئېشىشىغا ياردەم بەردى. شۇنىڭ بىلەن 18 ياشلىق يامال ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھاياتىدا 14 توپنىڭ كىرىشىگە بىۋاسىتە قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە توپ ۋە يەتتە ياردەمچى پاس بار. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يامال مىباپپېدىن ئېشىپ 19 ياشتىن بۇرۇن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپنىڭ كىرىشىگە تۈرتكە بولغان توپچىغا ئايلانغان.