چولپان يۇنۇس «سەن ئۈچۈن«ناخشا كېچىلىكىنى كۆرۈشكە ئ‍الدىراڭ!

2024-12-12
来源:

ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى:2024-يىلى 12-ئاينىڭ 12- ۋە 13كۈنلىرى كەچتە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكى تەييارلىغان ، شىنجاڭ « لەيلېنۇر » بىئو تېخنىكا چەكلىك شىركىتى   زور كۈچ بىلەن قوللىغان داڭلىق ناخشىچى چولپان يۇنۇسنىڭ «سەن ئۈچۈن كەلدىم» ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشائۇسۇل كېچىلىكى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.

WechatIMG2016.jpg

بۇ بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسۇل كېچىلىكى بولۇپلا قالماي،يەنە سەنئەت شەيدالىرى ئۈچۈن تەييارلانغان ئېسىل كۆڭۈل شادلىقى، كاتتا مەدەنىيەت زىياپىتى!

بۇ قېتىمقى كېچىلىككە چولپان يۇنۇسنىڭ ئىجادىي ناخشىلىرى تەييار قىلىنغاندىن باشقا   شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئارتىسلىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ،بۇ ئارتىسلارنىڭ   ھەممىسىنىڭ   ئەمەلىي كۈچى يۇقىرى،كۆپ قىرلىق تالانتقا ئېگە ئارتىسلار ھېسابلىنىدۇ،بۇنىڭدىن باشقا كېچىلىككە يەنە بىر قىسىم ئالاھىدە تەكلىپلىك ئۇستاز سەنئەتكارلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ،داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ ئۆزگىچە نومۇرلىرى كۆرۈرمەنلەرگە يېڭىچە زوق بېرەلەيدۇ،بۇ قېتىملىق كېچلىككە   تەييارلانغان نومۇرلار   جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ ياخشى رول ئوينايدۇ.

نۆۋەتتە بۇ قېتىملىق كېچىلىك جىددىي رەپىتىس قىلىنىۋاتقان بولۇپ،جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ ئۈن تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان، ناخشا كېچىلىكىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ بېرىۋاتقان پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمانلارغا مەدەت بىرىشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!

WechatIMG2069.jpg

تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى، داڭلىق ناخشىچى چولپان يۇنۇسنىڭ «سەن ئۈچۈن كەلدىم» ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسۇل كېچىلىكىنى رايونىمىز ساغلاملىق ،كۈتۈنىش ساھەسىدە، قايىل قىلارلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ كېلىۋاتقان شىنجاڭ « لەيلېنۇر » بىئو تېخنىكا چەكلىك شىركىتى زور كۈچ بىلەن قوللىغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 200 ئورۇندا كەسىپلەشكەن،ئالقىشلانغان «لەيلىنۇر» كۈتۈنۈش،ساغلاملىق ئورنى قۇرۇپ چىققان بۇ شىركەتنىڭ مەدەنىيەت -سەنئەت ئىشلىرىغا بولغان بۇ خىل قىزغىنلىقى ، كۈچ قوشىشى ھەممەيلەننىڭ ئالقىش ياڭرىتىشىغا ئەرزىيدۇ.

WechatIMG2070.jpg

بۇ قېتىملىق كېچىلىكتە قانداق نادىر مىنۇتلار بارلىقىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟ يېقىملىق ناخشا ئاۋازى ۋە لەرزان ئۇسسۇللارنى كۆرگىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداق بولسا، 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسىدا بۇ كېچىلىكنى كۆرۈشكە تەييار بولۇڭ ! كېچىلىككە ئالاقىدار يېڭى مەزمۇنلار ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزىدە داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.