ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16 كۈچلۈك كوماندا تولۇق مەيدانغا كەلدى

2024-06-27
来源:

5-كوماندا ئۆلگەنلەرنىڭ يېرىمى!

ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16 كۈچلۈك كوماندا بىلەن ئېلىشىش:

فىرانسىيە vs بېلگىيە

پورتۇگالىيە vs سىلوۋېنىيە

ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16 كۈچلۈك كوماندا تولۇق مەيدانغا كەلدى، ياۋرۇپا لوڭقىسى   1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 6-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتىن باشلاپ   قىزغىنلىق ئىچىدە داۋاملىق ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ!

ئۆلۈم گىردابى بىلەن ئوينىلىدىغان شاللاش مۇسابىقىسى قايناملىرىدا كىم لەيلەشكە ۋە قايسى كوماندا چۆكۈپ شاللىنىدۇ؟

8b5102d0-55d2-453a-95ca-2893274697db.png

  ھازىر ئاياغلاشقان ياۋروپا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ   ئىس-تۈتەكلىرى تارقاپ، 16 كۈچلۈك كوماندا رەسمىي بارلىققا كەلدى! 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە ئوينالغان 36 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسى ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلدى.سىز كۈتكىلى ئۇزاق بولغان 16 كۈچلۈك كوماندا ئىچىدىن 8 كۈچلۈكنى تاللاش يەنى   8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى   كەچتىن باشلاپ ئەلكۈيىدە داۋاملىق ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تىركىشىش، كەسكىن ھايات-ماماتلىق جەڭ پات ئارىدا رەسمىي باشلىنىدۇ!

ئالدىنقى يېرىم رايوندا-ئىسپانىيە بىلەن گىرۇزىيە مۇسابىقە ئويناپ 8 كۈچلۈككە كىرىشنى تالىشىدۇ؟ گېرمانىيە بىلەن دانىيەنىڭ كۈچ سىنىشىشىدا كىم تېخىمۇ قالتىس نەتىجىسى بىلەن 8 كۈچلۈككە كىرىدۇ؟ پورتۇگالىيەبىلەن سىلوۋېنىيە ھايات-مامات جېڭىدە ،كېرىستىيانو رونالدو يەنە بىر قېتىم جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالامدۇ؟ فىرانسىيە بىلەن بېلگىيەنىڭ تىركىشىشى «ھالاكەتلىك يېرىم رايون»نىڭ مۇقەددىمىسى، دەپ تەرىپلەنمەكتە.

كېيىنكى يېرىم مەيدان رايوندا بولسا   − رۇمىنىيە بىلەن گوللاندىيە، ئاۋسترىيە بىلەن تۈركىيە،ئېنگىلاند بىلەن سىلوۋاكىيە، بۇ مۇسابىقىلەرنى ئوخشاشلا قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ! يەنە 29-چىسلا كەچتىن باشلاپ   ھەممە كۆز تىكىۋاتقان شىۋېيتسارىيەبىلەن ئىتالىيەنىڭ ھايات-مامات جېڭىدىن باشلاپ ، ياۋروپادىكى كوماندىلارنىڭ شاللاش تىپىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى رەسمىي باشلىنىدۇ.  

مۇسابىقە ئويناش   كۈنتەرتىپ ئەھۋالى ۋە ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتىش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ، بۇ مەزمۇننى ساقلىۋېلىپ   كۆڭلىڭىزدىكى كوماندىنىڭ قاچان مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ!

007N9ikngy1hr2ag95fdfj30iq0jcjul.jpg007N9ikngy1hr3g7jsvwbj30u00qags3.jpg

6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0:00 دە:شۋېتسارىيە VS ئىتالىيە

- 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 3:00 گېرمانىيە VS دانىيە

- 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0:00 دا:ئەنگىلىيە VS سىلوۋاكىيە

- 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 3:00:ئىسپانىيە VS گىرۇزىيە

- 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 0:00 دا:فىرانسىيە VS بېلگىيە

- 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 3:00 پورتۇگالىيە VS سىلوۋېنىيە

- 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 0:00:رۇمىنىيە VS گوللاندىيە

- 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 3:00 دە:ئاۋسترىيە VS تۈركىيە

WX20240627-054236@2x.png

بارلىق مۇسابىقىلەر ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونىدا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ،كۆرۈشنى ئونۇتماڭ !بۇ مەزمۇنغا يۈرەك بىرىپ دەرھال دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ، ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ شانلىق پەيتلىرىگە بىرلىكتە گۇۋاھ بولسۇن!