ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيىسىدە 6.1 بال يەر تەۋرىدى

ئەلكۈيى تورى爱酷艺网
2023-01-30
来源:تېڭشۈن

QQ20201127-0.gif

ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 1-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت يەتتىدىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيىسى (شىمالىي كەڭلىك 40.01 گىرادۇس ، شەرقىي مېرىدىئان 82.29 گرادۇس)تا 6.1 بال يەر تەۋرىدى ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 50 كىلومېتىر.

يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ، جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، ئىدارە باشلىقى مىن يىرېن بىرىنچى بولۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى ، جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يىن چاۋمىن ، ۋاڭ كۈن ، نى يۆۋېي ، چېن شياۋجۈنلەر جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى ، جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورى مەركىزى بىلەن سىن ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلۇپ ، يەر تەۋرەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى ، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن يەر تەۋرەش ئەھۋالى يۈزلىنىشىنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھازىرچە ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ھازىر ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يەر تەۋرەش ئىدارىسى نەق مەيدان خىزمەت ئەترىتىنى ئاپەت رايونىغا جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتكەن.

بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ بەش كىلومېتىر دائىرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1024 مېتىر كېلىدۇ. جۇڭگو يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ تور سۈرئىتى مۇندەرىجىسىگە ئاساسلانغاندا ، تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى 200 كىلومېتىر دائىرىدە بەش يىلدىن بۇيان جەمئىي 218 قېتىم 3 بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن بولۇپ ، ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ھېسابلىنىدىكەن.


素材1.jpg素材3.jpg