ئورگان تورى: 37 ياشلىق رونالدو رەسمىي ھالدا رىياد غەلىبە كوماندىسىغا قوشۇلدى

ئەلكۈيى تورى
2022-12-31
来源:سىنا

QQ20201127-0.gif


ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى:بېيجىڭ ۋاقتى 31-دېكابىر رىياد غەلىبە كوماندىسى ئورگان تورىدا 37 ياشلىق كىرىستىيانو رونالدو رىياد غەلىبە كوماندىسىغا قوشۇلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى.

رىياد غەلىبە كوماندىسى رەسمىي ھالدا مۇنداق دەپ يازما ئېلان قىلدى: «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ تەنھەرىكەتچى بىزگە رەسمىي قوشۇلدى! كۇلۇب رونالدو بىلەن 2025-يىلىغىچە توختام ئىمزالىغان بولۇپ، رونالدو 7-نومۇرلۇق كىيىمنى كىيىدۇ.

رونالدونىڭ ئىمزا قويۇش مۇراسىمى مادرىدتا تاماملاندى، بۇ سودا تارىخنىڭ يېڭى سەھىپىسى بولۇپلا قالماي، ئۇ بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، ياشلارنىڭ ئۈلگىسى. ئۇ يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىز رىياد غەلىبە ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز.

تارىخ يېزىلىۋاتىدۇ. بۇ كېلىشىم كۇلۇبىمىزنىڭ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، بىرلەشمىمىزنى، دۆلىتىمىزنى ۋە كەلگۈسى بىر ئەۋلاد كىشىلىرىمىزنى، ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى ئەڭ ياخشى شەخس بولۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. رونالدونىڭ يېڭى ئۆيىگە كەلگىنىنى قارشى ئالىمىز!»

2022/23 مۇسابىقە پەسلىدە، رىياد غەلىبە 10 ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، يەتتە مەيدان ئۇتۇپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ، بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ، ۋاقىتلىق ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. رىياد غەلىبەنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 1:30دا، مېھمان مەيداندا كالىج كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

رومانونىڭ بۇرۇنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، رونالدونىڭ رىياد غەلىبە كوماندىسىدىكى يىللىق مائاشى 200 مىليون ياۋروغا يېقىنلىشىدىكەن، بۇ سودا كىرىمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى مائاش ھېسابلىنىدۇ.

37 ياشلىق كىرىستىيانو رونالدو ئەركىن ھالەتتە رىياد غەلىبە كوماندىسىغا قوشۇلغان بولۇپ، 2025-يىلىغىچە توختام ئىمزالىغان، ئۇ يەنە 7-نومۇرلۇق مۇسابىقە كىيىمىنى كۆتۈرۈپ سۈرەتكە چۈشكەن.

تاراتقۇلارنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، رونالدونىڭ يىللىق كىرىمى مېسسى، جامېس، كۇررى قاتارلىق گىگانت چولپانلاردىن ئېشىپ كەتكەن.

رونالدونىڭ رىياد غەلىبە كوماندىسىغا قوشۇلغانلىق خەۋىرىنىڭ مۇقىملىشىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ رونالدونىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى رېكورتى بېسىلغان پىلاكات چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇ ئېرىشكەن بەش چېمپىيونلۇق لوڭقىسىمۇ بار.

كىرىستىيانو رونالدو رەسمىي ھالدا ئاسىيا پۇتبول سەھنىسىگە چىقىپ، رىياد غەلىبە كوماندىسىغا قوشۇلدى، بۇ ئۇنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى بىلەن خوشلىشىشىنىڭ ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپ بۇ كۆپ تۈرلۈك رىكورتنى ساقلىغۇچىغا ئاتاپ پىلاكات تەييارلىغان بولۇپ، ئۈستىگە: «ئەڭ كۆپ مەيدان مۇسابىقە: 183 مەيدان»، «ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش: 140 توپ» دەپ بېسىلغان.

ئوتتۇرىدا كىرىستىيانو رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسى، خانلىق مادرىد ۋە يۇۋېنتۇسنىڭ مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىپ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقاندىكى سۈرىتى، شۇنداقلا كەسپىي ھاياتىدا ئېرىشكەن بەش چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بار.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە: «ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ سىمۋولى، رونالدو» دەپ يېزىلغان ھەمدە قول پۇلاڭلىتىپ خوشلاشقان چىراي ئىپادىسى قوشۇلغان.

ئالدىنقى ئايدا مانچېستېر بىرلەشمە پۇتبول كۇلۇبىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن   ، رونالدونىڭ ۋاستىچىسى ئىزچىل ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى تاللىشىنى تەتقىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئىككى تەرەپ 2025-يىلىغىچە توختام ئىمزالىدىغان بولۇپ ،20225-يىلىغا بارغاندا كېرىستىيانو رونالدو 40 ياشقا كىرىدۇ.

ئۇنداقتا رىياد غەلبىسى كوماندىسى زادى قانداق كوماندا؟

رىياد غەلىبىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىچى كۇلۇبلىرىنىڭ بىرى   ، باش شىتابى سەئۇدى پايتەختى   رىيادتا. غوجايىن بولسا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەخت ۋارىسى مۇھەممەت بىن سالمان   ، ئۇ يەنە   ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى نېۋكاستلنىڭ خوجايىنى. مەزكۇر كۇلۇب سەئۇدى ئەرەبىستانى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كوماندا ،رىياد غەلبىسى ھازىرغىچە   9 قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانى كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ،   بولغان جەمئىي ئېرىشكەن چېمپىيونلۇق سانى   18 گە يەتكەن. ھازىر رىياد غەلىبە كوماندىسىدىمۇ توپ مەستانىلىرىگە تونۇشلۇق بولغان نۇرغۇن   چولپانلار بار ، مەسىلەن ۋاراتار ئوسپىنا ، برازىلىيەنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى گۇستاۋ ۋە كامېرون ھۇجۇمچىسى ئابدۇ ..

ئىگىلىنىشىچە ، رىياد غەلبىسى كوماندىسىنىڭ رونالدونى جەلىپ قىلىشىدىكى يەنە بىر ئامىل: توپ كوماندىسىدىكى 12 تىرېنېر گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ئىچىدە ، 8 نەپىرى پورتۇگالىيەلىك ئىكەن.

رىيادنىڭ غەلىبە قىلىشتىكى نىشانى كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقۇرىلىتىپ ، ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش .

رىياد غەلىبىسى نېمىشقا رونالدو بىلەن توختام ئىمزالىدى؟

رىياد غەلبىسى كوماندىسىنىڭ   مۇددىئاسى بولسا ، ئۇلار ئاسىيا پۇتبولچىلىقىدىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەرەب قوشنا دۆلەتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىپ ، ئاسىيا قاتلىمىدىن كەلگەن ياپونىيە ۋە كورىيە كۇلۇبىغا جەڭ ئېلان قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ، رىياد غەلىبىسى كوماندىسى ياۋروپا چولپانلىرىنى جەلپ قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە، باشقا ئاسىيا پۇتبول چوڭ دۆلەتلىرى بىلەن بەسلىشىشكە تەشنا.   رونالدو بۇ نىشانغا قاراپ باسقان مۇھىم بىر قەدەمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 2022-يىلى قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن ، بۇ سودىنىڭ تەسىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى 2030 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇشىدىن ئۈمىد بار .ئۇلار غەلبە قازانسا كېرىستىيانو رونالدو دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ باش ئەلچىلىك رولىنى ئېلىشىدىن ئۈمىد بار.

پورتۇگالىيە تەنتەربىيەسىدە توپ تەپكەن رونالدو 2002-يىلى يازدا 1-سەپ كوماندىسىغا ئۆرلەپ بىر يىلدىن كېيىن مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ياۋروپادىكى ئاساسلىق بىرلەشمە ھاياتىنى باشلىغان.

2003-يىلى 8-ئايدا مانچېستېر بىرلەشمىسىگە يۆتكەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، رونالدو ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى (خانلىق مادرىد) ۋە ئىتالىيە بىرلەشمىسى (يۇۋېنتۇس) قاتارلىق بىرلەشمىلەردە ئۆزىنىڭ ئىزىنى قالدۇرغان، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە بىر قېتىم مانچېستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغان بىرلەشمە، ئۆزىنىڭ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى كەسپىي ھاياتىنى يەنە بىر يېرىم يىل ئۇزارتتى.

19 يىل 5 ئايدىن كېيىن، رونالدو ئاخىرى ياۋروپادىن ئايرىلىپ رىياد غەلىبە كوماندىسىغا قوشۇلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ياۋروپادىكى ئاساسلىق بىرلەشمە سەھنىسىدىن خوشلاشتى.



素材3.jpg未标333题-4.jpg